تارىختىكى بۈگۈن: 22– سېنتەبىر
بۈگۈن 2019 – يىلى 22 – سېنتەبىر - يەكشەنبە، تۆۋەندە ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.
■ 1792 – يىلى 22 – سېنتەبىردە فىرانسىيەدە پادىشاھلىققا خاتىمە بېرىلىپ جۇمھۇرىيەت ئېلان قىلىندى.
■ 1939 – يىلى 22 – سېنتەبىردە ئىزمىرنىڭ دىكىلى ۋە قارابۇرۇن ناھىيەلىرىدە يەر تەۋرەپ 100 دىن ئارتۇق ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى، ھەر ئىككى ناھىيە پۈتۈنلەي خارابىلىككە ئايلىنىپ كەتتى.
■ 1959 – يىلى 22 – سېنتەبىردە ياۋروپا بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئارىسىدىكى تۇنجى تېلېفون لېنىيەسى رەسمىي خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلدى.
■ 1980 – يىلى 22 – سېنتەبىردە قۇرۇلۇپ دەل 10 يىل ئۆتكەندىن كېيىن لېچ ۋالسې رەھبەرلىكىدىكى ھەمكارلىق ئۇيۇشمىسى پولشادا قانۇنىيلاشتى.
■ 1792 – يىلى 22 – سېنتەبىردە 8 – يىل داۋاملاشقان ئىران – ئىراق ئۇرۇشى باشلىدى. ئىراقنىڭ ئىرانغا ئۇرۇش ئېلان قىلغانلىقىنى جاكارلىشى ۋە تېھراندىكى مەھراباد ئايرودۇرۇمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىراننىڭ 7 ئايرودۇرۇمىنىڭ بومباردىمان قىلىنىشى بىلەن باشلانغان ئۇرۇشتا بىر مىليونغا يېقىن ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.
■ 1985 – يىلى 22 – سېنتەبىردە فىرانسىيە ھۆكۈمىتى، 1985 – يىلى 10 – ئىيۇلدا غەرق بولۇپ كەتكەن Greenpeace نىڭ «رېيىنبوۋ ۋاررىئور» ناملىق پاراخوتىنى فىرانسىيە دۆلەت بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ غەرق قىلىۋەتكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى.
■ 1993 – يىلى 22 – سېنتەبىردە نيۇ يوركتىكى مېتروپولىتان مۇزېي تۈركىيەدىن قانۇنسىز يوللار بىلەن ئېلىپ كېتىلگەن «قارۇن خەزىنىسى» نى تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تارىختىكى بۈگۈن: 31 – دېكابىر
ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىز ھۇزۇرۇڭلاردا...