تارىختىكى بۈگۈن: 19.09.2019

​​​​​​​«تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

1272314
تارىختىكى بۈگۈن: 19.09.2019

 

بۈگۈن 2019يىلى 19 - سىنتەبىر.

1575يىلى 19سىنتەبىردە سۇلتان 3مۇراد ئىستانبۇل رەسەتخانىسىنى ئاچقان بولۇپ، رەسەتخانە 5 يىلدىن كېيىن تاقالغان ئىدى. 

1921يىلى 19سىنتەبىردە، ساكاريا مەيدان ئۇرۇشىدىن كېيىن قوماندان مۇستاپا كامالغا مارشىلا مەرتىۋىسى ۋە غازىيلىق ئۇنۋانى بېرىلگەن ئىدى.  

1935يىلى 19سىنتەبىردە، گېرمانىيەدە ناتسېست ھۆكۈمىتى يەھۇدىيلارنىڭ دۆلەت ئورگانلىرىدا ئىشلىشىنى چەكلىگەن ئىدى.

1951يىلى 19سىنتەبىردە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى كېڭىشى تۈركىيە ۋە گىرېتسىيەنى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (ناتو)غا ئەزا بولۇشقا چاقىرىق قىلغان ئىدى.

1955يىلى 19سىنتەبىردە، ئارگېنتىنا پىرېزىدېنتى يۇان پېرون ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش ئارقىلىق ئاغدۇرۇپ تاشلانغان ئىدى.

1976يىلى 19سىنتەبىردە، تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ «ئانتاليا» ناملىق ئايروپىلانى ئىپسارتاغا يېقىن جايدا چۈشۈپ كېتىپ، 154 كىشى ئۆلگەن ئىدى.

1985يىلى 19سىنتەبىردە، مېكسىكانىڭ پايتەختى مېكسىكودا يۈز بەرگەن 8.2 بال يەر تەۋرەش ئاپىتىدە 10 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئۆلگەن ئىدى.

2002يىلى 19سىنتەبىردە ئىسرائىلىيە تانكىلىرى پەلەستىن دۆلەت رەئىسى ياسىر ئەرافاتنىڭ راماللاھتىكى قوماندانلىق مەركىزىگە بېسىپ كىرگەن ئىدى.

2010يىلى 19سىنتەبىردە، ئارىدىن 95 يىل ئۆتكەندىن كېيىن تۇنجى قېتىم ۋان كۆلىدىكى ئاقدامار چىركاۋىدا دىنىي مۇراسىم ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر