تارىختىكى بۈگۈن: 10.09.2019
«تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.
![تارىختىكى بۈگۈن: 10.09.2019](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/5af3/bd26/691c/5c2dc48656ba2.jpg?time=1719219398)
بۈگۈن 2019 – يىلى 10 - سىنتەبىر.
1509 – يىلى 10 – سىنتەبىردە، تۈركىيە تارىخىغا «كىچىك قىيامەت» دەپمۇ قەيت قىلىنغان يەر تەۋرەش ئاپىتىدە، ئىستانبۇل ئەتراپىدا مىڭلىغان ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ۋە 10 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.
1919 – يىلى 10 – سىنتەبىردە، 1 – دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئاۋستىرالىيە – ۋېنگىرىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ پارچىلىنىشىغا سەۋەب بولغان سائىنت گېرمان كېلىشىمى تۈزۈلگەن ئىدى.
1942 – يىلى 10 – سىنتەبىردە ئەنگلىيە ھاۋا ئارمىيەسى گېرمانىيەنىڭ دۈسسېلدورف شەھىرىگە 100 مىڭ توننا بومبا تاشلىغان ۋە شەھەر خارابىلىققا ئايلىنىپ قالغان ئىدى.
1943 – يىلى 10 سىنتەبىردە، گېرمانىيە ئەسكەرلىرى ئىتالىيەنىڭ پايتەختى رىمنى ئىشغال قىلغان ئىدى.
1970 – يىلى 10 – سىنتەبىردە، ئامېرىكانىڭ تۈركىيەدە كەندىر تېرىشنى مەنئىي قىلىش قانۇن تەكلىپى بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) دا رەت قىلىنغان ئىدى.
1987 – يىلى 10 – سىنتەبىردە ۋېنگىرىيەنىڭ چېگرانى ئېچىۋىتىشى بىلەن مىڭلىغان گېرمانىيە پۇقراسى ۋەتىنىگە قايتىشقا باشلىغان ئىدى.
2007 – يىلى 10 – سىنتەبىردە سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەن سابىق پاكىستان باش مىنىستىرى ناۋاز شەرىف يەنە قايتا چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلغان ئىدى.
2008 – يىلى 10 – سىنتەبىردە، ئىراننىڭ بەندەر ئابباس شەھىرىدە 7.5بال يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![تارىختىكى بۈگۈن: 31 – دېكابىر](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/5af3/bd26/691c/5c2dc48656ba2.jpg?time=1719219398)
تارىختىكى بۈگۈن: 31 – دېكابىر
ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىز ھۇزۇرۇڭلاردا...