تارىختىكى بۈگۈن: 03– سېنتەبىر

ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمى ھۇزۇرۇڭلاردا...

1262590
تارىختىكى بۈگۈن: 03– سېنتەبىر

1260 – يىلى  3 – سېنتەبىردە مەملۇكىيلار قوشۇنى ئەين جالۇتتا موڭغۇللارنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ جەنۇبقا قاراپ ئىلگىرىلىشىگە توسالغۇ بولدى.

■ 1683 – يىلى  3 – سېنتەبىردە ئوسمانلى قوشۇنىنىڭ ئىككىنچى ۋىيېننا مۇھاسىرىسى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئوسمانلىلارنىڭ غەربكە كېڭىيىشى ئاخىرلاشتى.

■ 1780 – يىلى  3 – سېنتەبىردە ئەنگلىيە پارىژدا ئىمزالانغان كېلىشىمگە ئاساسەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلدى.

■ 1878 – يىلى  3 – سېنتەبىردە ئەنگلىيەدىكى تامېس دەرياسىدا بىر يولۇچىلار پاراخوتى باشقا بىر پاراخوت بىلەن سوقۇلۇپ كېتىپ، 640 ئادەم قازا قىلدى.

■ 1939 – يىلى  3 – سېنتەبىردە گېرمانىيەنىڭ پولشاغا ھۇجۇم قىلىشىدىن كېيىن فىرانسىيە، ئەنگلىيە، يېڭى زېلاندىيە ۋە ئاۋسترالىيە گېرمانىيەگە قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلدى.

■ 1962 – يىلى  3 – سېنتەبىردە ئىراننىڭ گازۋىن ئۆلكىسىدە يەر تەۋرەپ 12225 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى؛ 21 مىڭغا يېقىن ئۆي – ماكان تالاپەتكە ئۇچرىدى.

■ 1997 – يىلى  3 – سېنتەبىردە ۋىيېتنام ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى فنوم پېن ئايرودۇرۇمىغا يېقىن يەردە چۈشۈپ كېتىپ، 61 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.

■ 2004 – يىلى  3 – سېنتەبىردە شىمالىي ئوسېتيەنىڭ بېسلان بازىرىدىكى بىر مەكتەپتە 3 كۈن داۋاملاشقان گۆرۈگە ئېلىۋېلىش كىرىزىسىغا رۇسىيە ئالاھىدە ھەرىكەت قىسىملىرى مۇداخىلە قىلدى؛ ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتا كۆپ سانلىقى ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچىلار بولۇپ جەمئىي 376 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى، 800 ئادەم يارىلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر