تارىختىكى بۈگۈن: 26.08.2019

ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىز ھۇزۇرۇڭلاردا...ا

1258670
تارىختىكى بۈگۈن: 26.08.2019
  • يىل 1071، 26-ئاۋغۇست...
  • سۇلتان ئالپئارسلان قوماندانلىقىدىكى سەلچۇقلار قوشۇنى مالازگىرتتا ۋىزانتىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ قوشۇنىنى يەڭدى.
  • 1789-يىلى 26-ئاۋغۇست فىرانسىيە پارلامېنتى «كىشىلىك ھوقۇق ۋە پۇقرالار ھوقۇقى خىتابنامىسى» نى قوبۇل قىلدى.
  • 1921-يىلى 26-ئاۋغۇست باش قوماندان مۇستاپا كامال ساكاريا مەيدان جېڭىدە تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بۇيرۇقىنى چۈشۈردى؛ بۇ «ئۇرۇش لىنيەسىنى مۇداپىئە قىلىش ئەمەس، پۈتكۈل ۋەتەننى مۇداپىئە قىلىشىمىز كېرەك» دېگەن بۇيرۇق ئىدى.
  • 1922-يىلى 26-ئاۋغۇست تۈركىيە ئازادلىق ئۇرۇشىنىڭ بۈيۈك ھۇجۇمى باشلاندى.
  • 1936-يىلى 26-ئاۋغۇست مىسىر ئەنگلىيە بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىم نەتىجىسىدە سۈۋەيىش قانىلىنى ھېسابلىمىغاندا، مۇستەقىللىققە ئېرىشتى.
  • 1936-يىلى 26-ئاۋغۇست ئەنگلىيە رادىيو شىركىتى ب ب س (BBC) تېلېۋىزىيە پىروگراممىسى تارقىتىشنى باشلىدى.
  • 1972-يىلى 26-ئاۋغۇست تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى – ت ر ت چەت ئەلدىكى تۇنجى نەق مەيدان تارقىتىشىنى مىيۇنخېندا ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا باشلىدى. مىيۇنخېن ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى 11 ئىسىرائىلىيە تەنتەربىيەچىسىنىڭ ئۆلۈمى ۋە ئامېرىكالىق سۇ ئۈزۈش ماھىرى مارك سپىتز (Mark Spitz) نىڭ يەتتە ئالتۇن مېدال ئېلىشى، ئۇنتۇلماس خاتىرىلەرنى قالدۇردى.
  • 1974-يىلى 26-ئاۋغۇست بىرىنچى قېتىم ئاتلانتىك ئوكياننى ئايروپىلان بىلەن كىسىپ ئۆتكەن ئۇچقۇچى چارلېس لىندبېرخ (Charles Lindbergh) ئالەمدىن ئۆتتى.
  • 1986-يىلى 26-ئاۋغۇست كامېرۇننىڭ نيوس (Nyos) كۆلىدە كاربون ئوكسىد ۋە ھىدروگېن گازلىرىنىڭ پارتلىشى سەۋەبىدىن 500 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر