تارىختىكى بۈگۈن: 25– ئىيۇن

ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمى ھۇزۇرۇڭلاردا...

1257921
تارىختىكى بۈگۈن: 25– ئىيۇن

■ 1530 – يىلى 25 – ئاۋغۇستتا ياۋروپالىق تارىخچىلار «قورقۇنچلۇق ئىۋان» دەپ ئاتىغان بىرىنچى رۇس چارى 4-ئىۋان دۇنياغا كەلدى.

■ 1830 – يىلى 25 – ئاۋغۇستتا «بېلگىيە ئىنقىلابى» دەپ ئاتالغان بېلگىيەنىڭ گوللاندىيەدىن بۆلۈنۈپ چىقىش مۇساپىسى باشلاندى. 1-لېئوپولد پادىشاھلىققا تىكلەنگەندىن كېيىن، بېلگىيە پارلامېنت تۈزۈمىدىكى بىر خانلىق بولدى.

■ 1900 – يىلى 25 – ئاۋغۇستتا گېرمانىيەلىك داڭلىق پەيلاسوپ فرىدرېخ نېتزې بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشتى.

■ 1933 – يىلى 25 – ئاۋغۇستتا خىتايدا يەر تەۋرەش يۈز بېرىپ 9 مىڭ ئادەم ئۆلدى.

■ 1940 – يىلى 25 – ئاۋغۇستتا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى دائىرىسىدە گېرمانىيە ئايروپىلانلىرى لوندوننى بومباردىمان قىلىشنى باشلىدى.

■ 1944 – يىلى 25 – ئاۋغۇستتا فىرانسىيەنىڭ ئىككىنچى بىرونېۋىكلىق قىسىملىرى پارىژغا كىردى. پارىژدىكى گېرمانىيە ئەسكەرلىرى ئىتتىپاقداش كۈچلەرگە تەسلىم بولدى.

■ 1997 – يىلى 25 – ئاۋغۇستتا شاھمات چېمپىيونى گاري كاسپاروۋ «Depper Blue 2» بىلەن چۈشكەن رىقابەتتە يېڭىلىپ قالدى. بۇ بىر دۇنيا شاھمات چېمپىيونى كومپيوتېرغا يېڭىلىپ قالغان تۇنجى مۇسابىقە بولۇپ قالدى.

■ 2000 – يىلى 25 – ئاۋغۇستتا 26 – نۆۋەتلىك ياۋروپا چوڭ لوڭقىسىنى چېمپىيونلار بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونى - رېئال مادرىد كوماندىسىنى موناكودا 1 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن يېڭىۋالغان ياۋروپا پۇتبول بىرلەشمىسى چېمپىيونى - گالاتاساراي ئالدى.

■ 2010 – يىلى 25 – ئاۋغۇستتا 96 ئادەم ئولتۇرغان بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى خىتاينىڭ شەرقىي شىمالىدا چۈشۈپ كەتتى؛ قازادا ئايروپىلاندىكى 43 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى، 53 ئادەم قۇتۇلۇپ قالدى.

■ 2012 – يىلى 25 – ئاۋغۇستتا ئايغا تۇنجى بولۇپ ئاياغ باسقان ئامېرىكىلىق ئاسترونوت نېئىل ئارمستروڭ بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشتى.

■ 2017 – يىلى 25 – ئاۋغۇستتا ت ر ت دىكتورلىرىدىن مەسئۇت مەرتجان ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر