تارىختىكى بۈگۈن: 22.08.2019

«تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

1256473
تارىختىكى بۈگۈن: 22.08.2019

 

بۈگۈن 2019يىلى 22 - ئاۋغۇست.

1642يىلى 22ئاۋغۇستتا، ئەنگلىيەدىكى 9 يىل داۋاملاشقان ئىچكى ئۇرۇش باشلىدى. پادىشاھلىق تۈزۈمى تەرەبدارلىرى بىلەن پارلامېنت تۈزۈمى تەرەبدارلىرى ئوتتۇرىسىدا باشلانغان بۇ ئىچكى ئۇرۇش 1651يىلى 3سىنتەبىردىكى پوركاستېر ئۇرۇشىدا پارلامېنت تۈزۈمى تەرەبدارلىرىنىڭ غەلىبە قىلىشى بىلەن ئاخىرىلاشقان ئىدى.

1812يىلى 22ئاۋغۇستتا، ئىيوردانىيەدىكى ئارخىئولوگىيەلىك رايون پېترا شىۋېتسىيەلىك سەيياھ جوھان بۇركھاردىت تەرىپىدىن بايقالغان ئىدى.

1864يىلى 22ئاۋغۇستتا، 12 دۆلەت تۇنجى جەنۋە باياننامىسىغا ئىمزا قويۇپ، قېزىل كىرىسىت جەمئيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى قارار قىلغان ئىدى. 

1910يىلى 22ئاۋغۇستتا ياپونىيە كورىيەنى بېسىۋالغان ئىدى.

1926يىلى 22ئاۋغۇستتا، گىرېتسىيەدە تېئودوروس پانگالوس ھۆكۈمىتى يورگوس كوندىلىس ھۆكۈمىتىنى ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش ئارقىلىق ئاغدۇرۇپ تاشلىغان ئىدى.

1929يىلى 22ئاۋغۇستتا، 1دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئوسمانلى ئارمىيەسى ئىچىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن گېرمانىيەلىك گېنېرال لىمان ۋون ساندېرس ۋاپات بولغان ئىدى.

1962يىلى 22ئاۋغۇستتا، يادرو ئېنېرگىيە بىلەن ماڭىدىغان تۇنجى يۈك ۋە يۇلۇچى پاراخوتى «Savannah» ئېچىلىش سەپىرىگە چىققان ئىدى.

1965يىلى 22ئاۋغۇستتا، سادۇن بورو «قىسمەت» ناملىق يەلكەنلىك كېمىسى بىلەن 2 يىل 10 داۋاملاشقان دۇنيا سەپىرىنى باشلىغان ئىدى.

2000يىلى 22ئاۋغۇستتا، ئەزەربەيجاننىڭ سابىق پىرېزىدېنتى ئەبۇل فەيز ئەلچىبەي ۋاپات بولغان ئىدى.

2017يىلى 22ئاۋغۇستتا، دۆلەتلىك چېلىش ماھىرىمىز رىزا كايائالپ پارىژدا ئۆـكۈزۈلگەن 2017يىللىق دۇنيا لوڭقۇسىنى تالىشىش چېلىش مۇسابىقىسىدا 3قېتىم دۇنيا چىمپېيونى بولغان ئىدى.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر