تارىختىكى بۈگۈن: 17.08.2019

«تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

1253942
تارىختىكى بۈگۈن: 17.08.2019

 

 

بۈگۈن 2019يىلى 17 - ئاۋغۇست.

1787يىلى 17ئاۋغۇستتا، ئوسمانلى بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش ئېلان قىلىندى. ئاۋستېرىيە - ۋېنگىرىيە ئىمپېرىيەسىمۇ رۇسلارنىڭ سېپىدىن ئۇرۇن ئېلىشى بىلەن ئۇرۇش 5 يىل داۋاملاشغان ئىدى. 

1943يىلى 17ئاۋغۇستتا، 2دۇنيا ئۇرۇشى دائىرىسىدە ئىتتىپاقداش قىسىملار سىجىلىيەنى كونتىروللۇقى ئاستىغا ئالغان ئىدى.

1945يىلى 17ئاۋغۇستتا، ھېندونېزىيە گوللاندىيەدىن ئازاد بولۇپ، مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ئەسلىدە ھىندونېزىيە گۇللاندىيەنىڭ مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى پەيتتە ياپونىيەنىڭ ئىشغالىيىتىگە ئۇچرىغان بولۇپ، ھىندونېزىيە خەلقى باشلىغان قوراللىق كۈرەش نەتىجىسىدە ھەم ياپونىيە ئىشغالىيىتىدىن، ھەم گوللاندىيەنىڭ مۇستەملىكىسىدىن ئازاد بولۇپ مۇستەقىللىقىغا ئېرىشكەن ئىدى.

1949يىلى 17ئاۋغۇستتا، ئەرزۇرۇم، بىنگۆل ۋە بىنگۆلگە قاراشلىق كارلىئوۋا ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن 6.7 بال يەر تەۋرەش ئاپىتىدە 450 كىشى ئۆلگەن ئىدى.

1969يىلى 17ئاۋغۇستتا، ئامېرىكىدىكى كامىللە بورىنى ئاپتىدە 248 كىشى ئۆلگەن ئىدى.

1978يىلى 17ئاۋغۇستتا، ئىراننىڭ پادىشاھلىق تۈزىمىگە قارشى ئىچكى ئۇرۇش باشلانغان ئىدى.

1987يىلى 17ئاۋغۇستتا، ناتسىست گېرمانىيە رەھبەرلىرىدىن رۇدولف ھېس تۈرمىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان ئىدى. رۇدولف ھېس 1941يىلى ئۆزى ھەيدىگەن ئايروپىلان بىلەن شوتلاندىيەگە قونغاندىن كېيىن نازارەتكە ئېلىنغان ۋە نۈرنبېرگ سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى. 

1988يىلى 17ئاۋغۇستتا، پاكىستان پىرېزىدېنتى زىيائۇلھەق ئولتۇرغان ئايروپىلاننىڭ ھاۋادا پارتلىشى سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان ئىدى.

1996يىلى رۇسىيە بىلەن چېچېنىستان ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىىشمى تۈزۈلگەن ئىدى.

1999يىلى 17 ئاۋغۇستتا، تۈركىيەنىڭ مارمارا رايونىدا تۈركىيە تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن ئىدى. 7.4 بال يەر تەۋرەش ئاپىتى 45 سىكۇنت داۋاملاشقان ۋە 18373 كىشى ئۆلۈپ، 48901 كىشى يارىدار بولغان ھەمدە مىڭلىغان كىشى ئۆيسىز قالغان ئىدى. ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان ئۆي ۋە كارخانىلارنىڭ سانى 245 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر