تارىختىكى بۈگۈن: 15.08.2019
ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمى ھۇزۇرۇڭلاردا...
■ 1461 – يىلى 15 – ئاۋغۇستتا فاتىھ سۇلتان مەھمەت ترابزوننى پەتھى قىلىپ، ترابزون – رىم ئىمپېرىيەسىگە خاتىمە بەردى.
■ 1761 – يىلى 15 – ئاۋغۇستتا ياۋروپا تارىخىغا نامىنى يازدۇرغان ناپالىئون بوناپارت كورسىكادا دۇنياغا كەلدى.
■ 1869 – يىلى 15 – ئاۋغۇستتا ھىندى ئوكيان بىلەن ئاقدېڭىزنى بىر – بىرىگە تۇتاشتۇرغان سۇۋەيش قانىلى ئېچىلدى.
■ 1914 – يىلى 15 – ئاۋغۇستتا ئاتلانتىك ئوكيان بىلەن ھىندى ئوكياننى بىر – بىرىگە تۇتاشتۇرغان پاناما قانىلى ئېچىلدى.
■ 1925 – يىلى 15 – ئاۋغۇستتا قەيسەرىدە ئايروپىلان ۋە موتور زاۋۇتى قۇرۇش ئۈچۈن جانكېرس شىركىتى بىلەن كېلىشىم ئىمزالاندى.
■ 1935 – يىلى 15 – ئاۋغۇستتا ئادولف گىتلېر گېرمانلار بىلەن يەھۇدىيلارنىڭ ئۆزئارا نىكاھلىنىشىنى مەنئى قىلدى.
■ 1960 – يىلى 15 – ئاۋغۇستتا زىيۇرىخ ۋە لوندون كېلىشىملىرىنىڭ روھىغا ئاساسەن مۇستەقىل قىبرىس جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ئېلان قىلىندى.
■ 1962 – يىلى 15 – ئاۋغۇستتا «ئۆمۈچۈك ئادەم» سىزما رومانى تۇنجى قېتىم نەشر قىلدى.
■ 1969 – يىلى 15 – ئاۋغۇستتا ۋۇدستوك ناخشا – مۇزىكا ۋە سەنئەت فېستىۋالى 400 مىڭ ئادەمنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن نيۇ يوركتا باشلاندى، فېستىۋال ئۈچ كۈن داۋاملاشتى.
■ 1974 – يىلى 15 – ئاۋغۇستتا قىبرىس تىنچلىق ھەرىكىتى دائىرىسىدە ئىلگىرىلىشىنى داۋاملاشتۇرغان تۈركىيە ئارمىيەسى، ئارالنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى ماگوساغا كىردى. شۇ كۈنى رىملار تاشكەنت، تاتلىسۇ ۋە تەرازى يېزىلىرىدا 50 تۈركنى ئوققا تۇتتى.
■ 1994 – يىلى 15 – ئاۋغۇستتا ھاياتى رومان ۋە فىلىملەرگە تېما بولغان دۇنياۋى تېررورچى «قۇۋ كارلاس» سۇداندا قولغا چۈشۈرۈلدى.
■ 2007 – يىلى 15 – ئاۋغۇستتا پېرۇدا 8 بال يەر تەۋرەپ 514 ئادەم ئۆلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تارىختىكى بۈگۈن: 31 – دېكابىر
ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىز ھۇزۇرۇڭلاردا...