تارىختىكى بۈگۈن: 14– ئاۋغۇست

ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمى ھۇزۇرۇڭلاردا...

1252287
تارىختىكى بۈگۈن: 14– ئاۋغۇست
  • بۈگۈن 2019 – يىلى 14 – ئاۋغۇست، چارشەنبە.
  • 1893 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، دۇنيادا تۇنجى قېتىم فىرانسىيەدە ئاپتوموبىللارغا نومۇر تاختىسى ئورنىتىلدى.
  • 1908 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، تۇنجى خەلقئارا دۇنيا گۈزىلى مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى.
  • 1941 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى فرانكلىن روزۋېلت بىلەن ئەنگلىيە باش ۋەزىرى ۋىنستون چېرچىل ناتسىستلار گېرمانىيەسىگە قارشى ئاتلانتىك كېلىشىمىنى ئېلان قىلدى.
  • 1945 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرىدا، ياپونىيە ئىمپېراتورى ھىروھىتو دۆلىتىنىڭ شەرتسىز تەسلىم بولغانلىقىنى جاكارلىدى.
  • 1947 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئەنگلىيە ھىندىستانغا مۇستەقىللىق ھوقۇقى بەردى. ھىندىستان مۇسۇلمانلار بىرلىكىنىڭ رەھبىرى مۇھەممەد ئەلى جىنناھ ۋە دۆلەت كونگرېسى پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى پاندىت نەھرۇنىڭ ئەنگلىيەنىڭ پىلانىنى قوبۇل قىلىشىدىن كېيىن، دۆلەت ھىندىستان ۋە پاكىستاندىن ئىبارەت ئىككىگە ئايرىلدى.
  • 1974 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، تۈركىيە، ئەنگلىيە ۋە گىرېتسىيە ئوتتۇرىسىدىكى جەنۋە كونفېرانسىنىڭ قىيىن ئۆتكەلگە دۇچ كېلىشى سەۋەبىدىن، تۈركىيە «قىبرىس تىنچلىق ھەرىكىتى» نىڭ ئىككىنچى باسقۇچىنى ئىشقا كىرىشتۈردى. بۇ دائىرىدە، تۈركىيە قىسىملىرى پايتەخت لەفكوشاغا كىردى.
  • 1992 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، گىرۇزىيە ئارمىيەسى ئابخازىيە ئاپتونوم رايونىنى ئىشغال قىلدى.
  • 2005 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ھېلىئوس ھاۋا يوللىرى شىركىتىگە ئائىت يولۇچىلار ئايروپىلانى گىرېتسىيەنىڭ پايتەختى ئاتىنانىڭ شىمالىي قىسمىدا چۈشۈپ كەتتى، قازادا 121 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
  • 2006 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ھىزبۇللاھ – ئىسرائىلىيە ئۇرۇشى ئىمزالانغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئاساسەن ئاخىرلاشتى. ئارقىدىنلا لىۋان ئارمىيەسى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تىنچلىقنى ساقلاش قىسمى جەنۇبىي لىۋانغا ئورۇنلاشتى.


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر