تارىختىكى بۈگۈن: 10– ئاۋغۇست

ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمى ھۇزۇرۇڭلاردا...

1251116
تارىختىكى بۈگۈن: 10– ئاۋغۇست
  • بۈگۈن 2019 – يىلى 10 – ئاۋغۇست.
  • 1519 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، پورتۇگالىيەلىك كەشپىياتچى فېردىناند ماگېللان 5 پاراخوت ۋە 270 پاراخوت خادىمى بىلەن بىرلىكتە دۇنيانى ئايلىنىش ئۈچۈن ئىسپانىيەنىڭ سېۋىللې رايونىدىن يولغا چىقتى.
  • 1792 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، فىرانسىيەدە پادىشاھلىق تۈزۈمى بىكار قىلىندى، تۇيلېرېس سارىيى تالان – تاراج قىلىندى، 16 – لوئىس قولغا ئېلىندى.
  • 1913 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئىككىنچى بالقان ئۇرۇشى ئاخىرلاشتى: بۇلغارىيە، رۇمىنىيە، سېربىيە، قاراتاغ ۋە گىرېتسىيە ئوتتۇرىسىدا «بۈكرەش كېلىشىمى» ئىمزالاندى.
  • 1914 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئاقدېڭىزدىكى ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيەسىدىن قاچقان «گوبېن» ۋە «برېسكلاۋ» ئىسىملىك گېرمانىيەنىڭ ئىككى ئۇرۇش پاراخوتى ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىدىن سىياسىي پالاھلىق تىلىدى. سېتىۋېلىنغانلىقى ئېلان قىلىنغان ئۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭ بىرى «ياۋۇز»، يەنە بىرى «مىدىللى» دەپ ئاتالدى.
  • 1920 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ پارچىلىنىشى نىشان قىلىنغان «سەۋر كېلىشىمى» ئىمزالاندى.
  • 1945 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ياپونىيەنىڭ تەسلىم بولغانلىقىنى ئېلان قىلىشى بىلەن تەڭ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى تىنچ ئوكياندا ۋە يىراق شەرقتە ئاخىرلاشتى.
  • 1994 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، تۈركىيەنىڭ « TÜRSAT 1-B» ناملىق سۈنئىي ھەمراھى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا قويۇپ بېرىلدى. شۇنىڭ بىلەن، تۈركىيە ئالەم بوشلۇقىدا سۈنئىي ھەمراھى بار بولغان 18 دۆلەت قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.
  • 2014 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، تۈركىيە تارىخىدا سايلىغۇچىلار تۇنجى قېتىم بىۋاسىتە جۇمھۇر رەئىسىنى سايلىدى. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ 12 – جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بولدى.


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر