تارىختىكى بۈگۈن: 07.08.2019

ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىز ھۇزۇرۇڭلاردا...

1249320
تارىختىكى بۈگۈن: 07.08.2019
  • يىل 1807، 7-ئاۋغۇست...
  • تۇنجى پار بىلەن ھەرىكەت قىلىدىغان كلېرمونت پاراخوتى نىيۇ يورك-ئالباني (Albany) ئوتتۇرىسىدا تۇنجى سەپىرىنى باشلىدى.
  • 1876-يىلى 7-ئاۋغۇست ھاياتى كىنو فىلىملىرىنىڭ تېمىسىغا ئايلانغان گوللاندىيەلىك جاسۇس ماتا ھارى (Mata Hari) دۇنياغا كەلدى.
  • 1919-يىلى 7-ئاۋغۇست ئەرزۇرۇم كونگرەسى سايلام بىلەن ئاخىرلاشتى.
  • 1946-يىلى 7-ئاۋغۇست تۈركىيە سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ بوغۇزلارنىڭ ئورنىنى ئۆزگەرتىش تەلىپىنى رەت قىلدى.
  • 1964-يىلى 7-ئاۋغۇست ۋىيېتنام ئۇرۇشى باشلاندى. ئامېرىكا كونگرەسى پىرېزىدېنت ليندون جونسون (Lyndon Johnson) غا ۋىيېتنامغا ئەسكەر ئەۋەتىش ھوقۇقى بەردى.
  • 1975-يىلى 7-ئاۋغۇست ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن كىنو ئارتىسى چارلىز سېرون (Charlize Theron) جەنۇبىي ئافرىقادا دۇنياغا كەلدى.
  • 1972—يىلى ئاسالا (ASALA) تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ قوراللىق ئىككى ئەزاسى ئەنقەرە ئەسەنبوغا ئايرودۇرۇمىغا بېسىپ كىردى. ۋەقەدە سەككىز كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 72 كىشى يارىلاندى. قوراللىق تېررورىستتىن بىرى ئۆلدى، بىرى يارىدار ھالەتتە تىرىك تۇتۇلدى.
  • 1990-يىلى 7-ئاۋغۇست ئىراق كۇۋەيتنى ئىشغال قىلىشى بىلەن، ئامېرىكا «چۆل قالقىنى» ھەرىكىتىنى باشلىدى. تۈركىيە كەركۈك-يۇمۇرتالىق تۇرۇبا يولىنى تاقىدى.
  • 1998-يىلى 7-ئاۋغۇست كېنىيە بىلەن تانزانىيەدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىلىرى بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. 224 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.
  • 2016-يىلى 7-ئاۋغۇست تۈركىيە تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ يىغىلىش «دېموكراتىيە ۋە شېھىتلار» يىغىلىشى، ئىستانبۇل يەنىكاپىدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىلىشقا 5 مىليون كىشى قاتناشتى.


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر