تارىختىكى بۈگۈن: 01.08.2019

«تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

1246239
تارىختىكى بۈگۈن: 01.08.2019

 

 

بۈگۈن 2019يىلى 01 - ئاۋغۇست.

 

1521يىلى 1ئاۋغۇستتا، ئوسمانلى قوشۇنى بېلگىرادنى قوشاۋغا ئالغان ئىدى.

1571يىلى 1ئاۋغۇستتا، لالە مۇستاپا پاشانىڭ قوماندانلىقىدىكى ئوسمانلى ئارمىيەسى ۋېنېدىك جۇمھۇرىيىتىگە تەۋە قىبرىسنى فەتھى قىلغان ئىدى.

1840يىلى 1ئاۋغۇستتا، تۈنجى تۈركچە گېزىت «جەرىدەئى ھاۋادىس» نەشىر قىلىنىشقا باشلانغان ئىدى.

1894يىلى 1ئاۋغۇستتا، ياپونىيە ئىمپېراتورى كورېيە يېرىم ئارىلىنى ئىشغال قىلىش ئۈچۈن خىتاي بىلەن ئۇرۇش باشلىغان ئىدى.

1902يىلى 1ئاۋغۇستتا، ئامېرىكا پولشا قانىلىنىڭ ھەق - ھوقۇقىنى فىرانسىيەدىن سېتىۋېلىپ، قانالنىڭ قۇرۇلىشىنى باشلىغان ئىدى.

1914يىلى 1ئاۋغۇستتا، گېرمانىيە رۇسىيە چار پادىشاھلىقىغا ئۇرۇش ئېلان قىلغان ئىدى.

1936يىلى 1ئاۋغۇستتا، بېرلىن ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئادولوف گىتلېرمۇ ئىشتىراك قىلغان ئىدى. ئامېرىكىلىق قارا تەنلىك يېنىك ئاتلىتكا تەنتەربىيەچى جېسس ئوۋېنس مۇسابىقىدا 4 ئالتۇن مېدالغا ئېرىشىپ رېكورت ياراتقان ئىدى.

1950يىلى 1ئاۋغۇستتا تۈركىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (ناتو) غا ئازالىق ئىلتىماسى سۇنغان ئىدى.

1975يىلى 1ئاۋغۇستتا ھېلسىنكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسى 35 دۆلەتنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئىمزالانغان ئىدى. ئامېرىكا ۋە كانادا كېلىشىمگە ئىمزا قويمىغان ئىدى.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! يۇقىرىدا تارىختىكى بۈگۈن ناملىق پىروگراممىمىزنى ئاڭلىدىڭلار.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر