تارىختىكى بۈگۈن: 29.07.2019

ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىز ھۇزۇرۇڭلاردا...

1244155
تارىختىكى بۈگۈن: 29.07.2019
  • يىل 1890، 29-ئىيۇل...
  • گوللاندىيەلىك رەسسام ۋىنسېنت ۋون گوخ 33 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
  • 1948-يىلى 29-ئىيۇل ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى سەۋەبىدىن 12 يىل ئۆتكۈزۈلمىگەن يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى لوندوندا ئۆتكۈزۈلدى. تۈركىيە ئالتە ئالتۇن مېدال، تۆت كۈمۈش مېدال ۋە ئىككى مىس مېدالغا ئېرىشتى.
  • 1958-يىلى 29-ئىيۇل ئامېرىكا ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى- ناسا (NASA) قۇرۇلدى.
  • 1967-يىلى 29-ئىيۇل ۋېنېزۇئېلانىڭ كاراكاس شەھىرىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە 500 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، مىڭلارچە كىشى يارىلاندى.
  • 1981-يىلى 29-ئىيۇل گاللېر شاھزادىسى چارلېس (Charles) بىلەن لېيدى دىيانا (Lady Diana) توي قىلدى.
  • 1987-يىلى 29-ئىيۇل ئەنگلىيە باش ۋەزىرى ساچېر خانىم بىلەن فىرانسىيە پىرېزىدېنتى مىتېراند، مانش (Manş) تونېلىنىڭ قۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك كېلىشىمنى ئىمزالىدى.
  • 1999-يىلى 29-ئىيۇل ئامېرىكادا تۇنجى قېتىم ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان پىرېزىدېنت جازالاندى. بىل كلىنتون (Bill Clinton) يالغان گۇۋاھلىق بېرىش بىلەن ئەيىبلىنىپ، 90 مىڭ دوللار تۆلەم تۆلەشكە ھۆكۈم قىلىندى.
  • 2005-يىلى 29-ئىيۇل قۇياش سىستېمىسىدا «ئېرىس» (ERİS) دەپ نام بېرىلگەن كىچىك پىلانېتا بايقالدى.  


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر