تارىختىكى بۈگۈن: 21 – ئىيۇل

نەۋزات مەمەت تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمى ھۇزۇرۇڭلاردا...

1239547
تارىختىكى بۈگۈن: 21 – ئىيۇل

يىل 1633، 21-ئىيۇل، گالىلو گالىلىېدىن چېركاۋ سوت مەھكىمىسىدە يەر شارىنىڭ ئايلىنىدىغانلىقى توغرۇلۇق ئوتتۇرىغا قويغان قارىشىدىن ۋاز كېچىش تەلەپ قىلىندى.

1718-يىلى 21-ئىيۇل كۈنى، ئوسمانلى دۆلىتى بىلەن ئاۋسترىيە ۋە ۋېنېدىك جۇمھۇرىيىتى ئوتتۇرىسىدا پاساروفچا شەرتنامىسى ئىمزالاندى.

1904-يىلى 21-ئىيۇل، بېلگىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ماشىنا ھەيدەش مۇسابىقىسىدە 100 مىل رېكورتى فىرانسىيەلىك ماھىر تەرىپىدىن بۇزۇپ تاشلاندى.

يىل 1969، 21-ئىيۇل، ئاپوللو 11 ناملىق ئالەم كېمىسى خادىملىرىدىن نېيىل ئارمستروڭ بىلەن بۇز ئالدرىن ئاي شارىغا قەدەم باسقان تۇنجى ئىنسانلاردىن بولۇپ قالدى.

1972-يىلى 21-ئىيۇل كۈنى، ئىرا زوراۋنلىرى شىمالىي ئىرلاندىيەنىڭ بېلفاست شەھىرىگە يېقىن جايدا بومبىلىق ھۇجۇم قوزغاپ 9 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى، 130 كىشىنى يارىلاندۇردى.

1983-يىلى 21-ئىيۇلدا، دۇنيا بويىچە ئەڭ سوغۇق جاينىڭ  تېمپېراتۇراسى ئۆلچەپ چىقىلدى، ۋوستوك ئىستانىسىسى ئانتراكتىكانىڭ  تېمپېراتۇراسىنىڭ نۆلدىن تۆۋەن 89.2 گرادۇس ئىكەنلىكىنى ئۆلچەپ چىقتى.

1990-يىلى 21-ئىيۇل كۈنى، ئىراندا 7.3 بال يەر تەۋرەپ 50 ئادەم  قازا قىلدى.


خەتكۈچ: #يەر شارى

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر