تارىختىكى بۈگۈن: 17– ئىيۇل

نەۋزات مەمەت تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمى ھۇزۇرۇڭلاردا...

1236900
تارىختىكى بۈگۈن: 17– ئىيۇل
  • 1588 – يىلى 17 – ئىيۇل قانۇنى سۇلتان سۇلايمان، 2 – سېلىم ۋە  3- مۇرات دەۋرلىرىدە باش مېمار سۈپىتىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن، سەلىمىيە جامەسى ۋە سۇلايمانىيە جامەسى قاتارلىق مىسلىسىز قۇرۇلۇشلاردىن سىرت يەنە، جەمئىي 375 يادىكارلىقنىڭ مېمارى مېمىار سىنان 99 يېشىدا ۋاپات بولدى.
  • 1815 – يىلى 17 – ئىيۇل ناپولېئون روچېفورتتا ئەنگلىيە قىسىملىرىغا تەسلىم بولدى.
  • 1918 – يىلى 17 – ئىيۇل بولشېۋىكلار رۇس چارى 2 – نىكولايغا رەپىقىسى، بالا – چاقىلىرى ۋە 4 سادىق يېقىنى بىلەن بىرلىكتە يېكاتېرىنبۇرگدا ئۆلۈم جازاسى بەردى.
  • 1934 – يىلى 17 – ئىيۇل غازى مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك مۇستەقىللىق ئۇرۇشىدىن كېيىن تۇنجى قېتىم بولۇغا يېتىپ باردى.
  • 1944 – يىلى 17 – ئىيۇل پارتلاتقۇچ بۇيۇم بېېسىلغان ئىككى پاراخوت پورت چىكاگودا سوقۇلۇپ كېتىپ، 320 كىشى قازا قىلدى، 400 كىشى يارىلاندى.
  • 1975 – يىلى 17 – ئىيۇل ئامېرىكىنىڭ ئالەم كېمىسى «ئاپوللو» بىلەن رۇسىيەنىڭ ئالەم كېمىسى «سويۇز»  ئالەم بوشلۇقىدا بىرلەشتى.
  • 1992 – يىلى 17 – ئىيۇل سىلوۋاكىيە پارلامېنتى مۇستەقىللىق ئېلان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، چېخوسلوۋاكىيە چېخ جۇمھۇرىيىتى ۋە سىلوۋاكىيە جۇمھۇرىيىتىدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتكە ئايلاندى. چېخوسلوۋاكىيە پىرېزىدېنتى ۋاكلاۋ ھاۋېل ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى.


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر