تارىختىكى بۈگۈن: 11.07.2019

مەۋزات مەمەت تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

1234160
تارىختىكى بۈگۈن: 11.07.2019

 

 

بۈگۈن 2019يىلى 11 - ئىيۇل.

1740يىلى 11ئىيۇلدىكى پىروگراممىغا بىنائەن يەھۇدىيلار كىچىك رۇسىيەدىن (يەنى بۈگۈنكى ئۇكرائىنادىن) سۈرگۈن قىلىنغان ئىدى.

1895يىلى 11ئىيۇلدا ئاگۇستە ۋە لوئۇس لۇمېر ئاكا ئۇكىلار كىنو فىلىم لايىھەسىنى پەن تەتقىقاتچىلارغا تونۇشتۇرغان ئىدى.

1962يىلى 11ئىيۇلدا تۇنجى قېتىم سۇنئىي ھەمراھ بىلەن ئوكيان ھالقىپ تارقىتىش بېرىش ئىشقا ئاشقان ئىدى.

1975يىلى 11ئىيۇلدا خىتاينىڭ سابىق پايتەختى شىئەندە، 2000 يىل ئىلگىرى قىلدىن ياسالغان، توغرا ئۆلچەملىك ۋە قوراللانغان 6000 كىشىلىك بىر قوشۇننىڭ ھەيكەللىرى تېپىلغان ئىدى.  چىنە خىش بىلەن ياسالغان ھەيكەل ئەسكەرلەرنىڭ يۈزلىرنىىڭ ھېچ بىرسىنىڭ يەنە بىرسىگە ئوخشىماسلىقى ھەممىنى ھەيران قالدۇرغان ئىدى.

1985يىلى 11ئىيۇلدا 10 مىڭ ئايال خەلقئارا ئاياللار كونفېرانسى ئۈچۈن نايروبىدا بىر يەرگە جەم بولغان ئىدى.

1995يىلى 11ئىيۇلدا بوسنىيە قىرغىنچلىقى يۈز بەرگەن بولۇپ، راتكو مىلادىچنىڭ رەھبەرلىكىدىكى سېرب ئەسكەرلەر بوسنىيەنىڭ سېبرېنىتزا رايونىدا 8000 بوشناق مۇسۇلماننى كوللىكتىپ ھالدا قەتلى قىلىش ئارقىلىق سېبرېنىتزا قىرغىنچىلىقىنى باشلىغان ئىدى.

1996يىلى 11ئىيۇلدا تۈركسات سۇنئىي ھەمراھى فىرانسىيەدىن ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بېرىلگەن ئىدى.

2000يىلى 11ئىيۇلدا سۈرىيە پىرېزىدېنتى ھافىز ئەسەدنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن، بىردىن بىر نامزات بولغان ئۇنىڭ ئوغلى باششار ئەسەد راي سىناش ئارقىلىق پىرېزىدېنتلىققا سايلانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر