تارىختىكى بۈگۈن: 3– ئىيۇل

نەۋزات مەمەت تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمى ھۇزۇرۇڭلاردا...

1228932
تارىختىكى بۈگۈن: 3– ئىيۇل
  • 1860 – يىلى 13 – ئىيۇل ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ئاياللار ھەرىكىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم نەزەرىيەچىلىرىدىن ئاياللارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغدىغۇچى، ناتىق، يازغۇچى ۋە (كىتاب – ژۇرنال)  نەشىر قىلغۇچى چارلوتتې ئاننا پاركىنس گىلمان دۇنياغا كەلدى.
  • 1905 – يىلى 3 – ئىيۇل رۇسىيەدە ئەسكەرلەر ئىش تاشلىغان 6 مىڭدىن ئارتۇق ئىشچىنى ئۆلتۈردى.
  • 1938 – يىلى 3 – ئىيۇل تۈركىيە – فىرانسىيە ئوتتۇرىسىدا ھەربىي كېلىشىم ئىمزالاندى. بۇ كېلىشىمگە ئاساسەن  خاتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ئۈچۈن 2500 تۈرك، 2500 فىرانسىيە ئەسكىرى ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىدى.
  • 1962 – يىلى 3 – ئىيۇل فىرانسىيە پىرېزىدېنتى چارلېس دې گاللې ئالجىرىيەنىڭ مۇستەقىللىققا ئېرىشىشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينىغان خىتابنامىنى ئىمزالىدى. شۇنىڭ بىلەن، ئالجىرىيەدە 132 يىللىق فىرانسىيە ھاكىمىيىتى ئاخىرلاشتى.
  • 1988 – يىلى 3 – ئىيۇل ئىستانبۇلدا فاتىھ سۇلتان مەھمەت كۆۋرۈكى قاتناشقا ئېچىلدى.
  • 1988 – يىلى 3 – ئىيۇل ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئۇرۇش پاراخوتلىرى پارىس قولتۇقى ئۈستىدە ئىراننىڭ يولۇچىلار ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈردى، ۋەقەدە 286 يولۇچى ئۆلدى.


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر