تارىختىكى بۈگۈن: 30.06.2019

گۈلشەن ئايۋاز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمى ھۇزۇرۇڭلاردا...

1227346
تارىختىكى بۈگۈن: 30.06.2019

■ 1908 – يىلى 30 – ئىيۇندا  تۇنگۇسكا ۋەقەسى يۈز بەردى. سىبىرىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى دەرەخزالىققا چۈشكەن ئاقار يۇلتۇز (مېتېئورىت) ناھايىتى كەڭ رايوندىكى بارلىق دەل – دەرەخلەرنى يوقىتىپ تاشلىدى. خىروشىماغا تاشلانغان ئاتوم بومبىسىدىن ئونلارچە ھەسسە يۇقىرى تەسىر كۈچكە ئىگە بولغان ئاقار يۇلتۇزنىڭ نۇر توپى 800 كىلومېتىر يىراقلىقتىن كۆرۈندى.

■ 1921 – يىلى 30 – ئىيۇندا ھازىرقى نامى «بالىلارنى ئاسراش ئورگىنى» بولغان «ھىمايەئى ئەتفال جەمئىيىتى» ئەنقەرەدە قۇرۇلدى. ئازادلىق ئۇرۇشىدا يېتىم قالغان بالىلارنى مۇھاپىزەت قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قامداش مەقسىتىدە قۇرۇلغان جەمئىيەت، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ ئۇ دەۋردىكى باشلىقى مۇستاپا كەمال پاشانىڭمۇ قوللىشىغا ئېرىشكەنىدى.

■ 1936 – يىلى 30 – ئىيۇندا ئېفىيوپىيە ئېمپىراتورى خائىلە سېلاسسىئې، مۇسولىنى دۆلىتىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، مىللەتلەر جەمئىيىتى (ھازىرقى ب د ت) دا نۇتۇق سۆزلەپ ياردەم تەلەپ قىلدى.

■ 1939 – يىلى 30 – ئىيۇندا  تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى خاتاينىڭ تۈركىيەگە قېتىلىشىنى ئاۋاز بىرلىكى بىلەن ماقۇللىدى.

■ 1990 – يىلى 30 – ئىيۇندا  شەرقىي گېرمانىيە بىلەن غەربىي گېرمانىيە ئىقتىسادلىرىنى بىرلەشتۈرۈشنى قارار قىلدى.

■ 1997 – يىلى 30 – ئىيۇندا  ج.ك.روۋلىڭنىڭ «ھاررىي پوتتېر» ناملىق بىر يۈرۈش ئەسەرلىرىنىڭ بىرىنچىسى بېسىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر