تارىختىكى بۈگۈن: 21– ئىيۇن

فەراي ئۇز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمى ھۇزۇرۇڭلاردا...

1222335
تارىختىكى بۈگۈن: 21– ئىيۇن
  • 1037 – يىلى 21 – ئىيۇن كۈنى  تېبابەتچىلىك، پىسخولوگىيە، فارماكولوگىيە، گېئولوگىيە، فىزىكا، ئاسترونومىيە، خىمىيە ۋە پەلسەپە پەنلىرىدە «دانىشمەن» دەپ قوبۇل قىلىنىدىغان،   تېببىي ئالىم، ئاسترونوم، يازغۇچى ۋە پەيلاسوپ ئىبنى سىنا ۋاپات بولدى.
  • 1934 – يىلى 21 – ئىيۇن كۈنى ھەربىر تۈركىيە پۇقراسىنىڭ «فامىلە» ئىشلىتىلىشىگە ئالاقىدار «فامىلە قانۇنى» نى قوبۇل قىلىندى.
  • 1980 – يىلى 21 – ئىيۇن كۈنى ھەجە ۋەزنىدە يېزىلغان شېئىرلارنىڭ ئاخىرقى ئەۋلاد ۋەكىللىرىدىن بولغان تۈرك شائىر ۋە يازغۇچى ئەھمەد مۇھىپ دراناس ۋاپات بولدى.
  • 1990 – يىلى 21 – ئىيۇن كۈنى ئىراندا 7.7 بال يەر تەۋرىدى. يەر تەۋرەشتە 35 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، 100 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى، 500 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئۆي – ماكانسىز قالدى.
  • 1981 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، 21 - ئىيۇن كۈنى فىرانسىيەدە تۇنجى قېتىم «دۇنيا مۇزىكا كۈنى» سۈپىتىدە تەبرىكلىنىشكە باشلاندى. شۇنىڭدىن تارتىپ پۈتكۈل دۇنيادا 21 – ئىيۇن كۈنى «دۇنيا مۇزىكا كۈنى» سۈپىتىدە تەبرىكلىنىپ كەلمەكتە.


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر