تارىختىكى بۈگۈن: 15.06.2019
فەراي ئۇز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.
![تارىختىكى بۈگۈن: 15.06.2019](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/5af3/bd26/691c/5c2dc48656ba2.jpg?time=1719194266)
بۈگۈن 2019 – يىلى 15 - ئىيۇن.
1752 – يىلى 15 – ئىيۇندا، بېنجامىن فرانكلىن لەگلەك سېنىقى ئارقىلىق چاقماقتا ئېلېكتىر ئېقىمى بارلىقىنى ئىسپاتلىغان ئىدى.
1927 – يىلى 15 – ئىيۇندا، تۈركىيەنىڭ تۇنجى زامانىۋىي رۇھىي ۋە ئەقلىي كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى ھېسابلىنىدىغان باكىركۆي رۇھىي ۋە نىرۋا كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى ئېچىلغان ئىدى.
1941 – يىلى 15 - ئىيۇندا، 2 – دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ شىمالىي ئافرىقا فىرونتىدا، ئەنگلىيە قىسىملىرى گېرمانىيە ۋە ئىتالىيە قىسىملىرىغا قارشى «ئۇرۇش پالتىسى ھەرىكىتى» نى باشلىغان ئىدى.
1961 – يىلى 15 – ئىيۇندا، تۈرك ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم شەخشلىرىدىن بىرسى بولغان، ھېكايە ۋە رۇمان يازغۇچىسى پەيامى سەفا ۋاپات بولغان ئىدى.
1993 – يىلى 15 - ئىيۇندا، ھەيدەر ئالىيىېۋ ئەزەربەيجان پارلامېنتىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلانغان ئىدى. شۇنداق قىلىپ، 15 – ئىيۇن كۈنى ئەزەربەيجاننىڭ مىللىي ئازادلىق بايرىمى بولغان ئىدى.
2002 – يىلى 15 – ئىيۇندا، «2002 MN» دەپ نام بېرىلگەن بىر كۆك تېشى دۇنياغا 121 مىڭ كېلومېتىر يېقىندىن ئۆتكەن بولۇپ، بۇ مۇساپە دۇنيا بىلەن ئاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇساپىنىڭ ئۆچتە بىرىگە تەڭ كېلەتتى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![تارىختىكى بۈگۈن: 31 – دېكابىر](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/5af3/bd26/691c/5c2dc48656ba2.jpg?time=1719194266)
تارىختىكى بۈگۈن: 31 – دېكابىر
ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىز ھۇزۇرۇڭلاردا...