تارىختىكى بۈگۈن: 11.06.2019

فەراي ئۇز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

1216108
تارىختىكى بۈگۈن: 11.06.2019

■ 1868 – يىلى 11 – ئىيۇندا تۈرك قىزىل ئاي جەمئىيىتى، «ئوسمانلىنىڭ يارىدار ۋە كېسەل ئەسكەرلىرىگە ياردەم قىلىش جەمئىيىتى» دېگەن نام بىلەن بىر تۈركۈم ئىدېئالىست دوختۇرلارنىڭ تىرىشچانلىقى سايىسىدا ئۇرۇش مەيدانلىرىدا يارىلانغان ئەسكەرلەرگە پەرقلەندۈرۈپ ئولتۇرماستىن ياردەم قىلىش مەقسىتىدە قۇرۇلدى. جەمئىيەتكە «قىزىلئاي» دېگەن نامنى مۇستافا كەمال ئاتاتۈرك قويدى.

■ 1913 – يىلى 11 – ئىيۇندا 31 – مارت ئىسيانىنى باستۇرغان قىسىملارنىڭ قوماندانى، سەدرىئەزەم ۋە ھەربىي ئىشلار نازىرى شەۋكەت پاشا سۇيىقەست ئارقىلىق ئۆلتۈرۈلدى.

■ 1937 – يىلى 11 – ئىيۇندا ئاتاتۈرك ترابزوندا بايانات بېرىپ، بارلىق يەر – زېمىن  ۋە مال – مۈلكىنى خەلقكە ئىئانە قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

■ 1982 – يىلى 11 – ئىيۇندا ئە.ت. فىلىمى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى. مېلىسسا ماتېسوننىڭ ستېۋېن سپىئېلبېرگ تەرىپىدىن سېنارىيەلەشتۈرۈلگەن ھېكايىسىنى تېما قىلغان فىلىم 4 ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

■ 2004 – يىلى 11 – ئىيۇندا ئەلۋان ئابېيلېگېسسې نورۋېگىيەنىڭ بېرگېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن Golden League مۇسابىقىسىنىڭ 5000 مېتىرغا يۈگۈرۈش تۈرىنى 14 مىنۇت 24 سىكۇنت 68 دەقىقىدە بېسىپ ئۆتۈپ، 7 يىلدىن بېرى بۇزۇلالمىغان 5000 مېتىرلىق دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلاپ، دۇنيا رېكورتى ياراتقان تۇنجى تۈرك ئاتلېتىكا ماھىرى بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر