تارىختىكى بۈگۈن: 05.06.2019
فەراي ئۇز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.
بۈگۈن 2019 – يىلى 5 - ئىيۇن.
1851 – يىلى 5 – ئىيۇندا، ئامېرىكىلىق يازغۇچى ھاررېت بېچېر ستوۋنىڭ 23 تىلغا تەرجىمە قىلىنغان ۋە قوللۇققا قارشى كۈرەشنى ئۆزىگە مەزمۇن قىلغان شۇنداقلا كىنو – فىلىمىمۇ ئىشلەنگەن «توم تاغىنىڭ غىرىپخانىسى» ناملىق رومانى بىر گېزىتتا ئېلان قىلىنىشقا باشلانغان ئىدى.
1964 – يىلى 5 – ئىيۇندا تۈركىيەنىڭ قىبرىس مەسلىسىگە ئارلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جونسون تۈركىيە تارىخىدا «جونسون مەكتۇبى» دەپ قەيت قىلىنغان ئېغىر تەھدىتلىك مەكتۇبىنى يوللىغان ئىدى. بۇ مەكتۇبقا ئەينى چاغدىكى باش مىنىستىر ئىسمەت ئىنۆنۈ: «يېڭى بىر دۇنيا تۈزىمى ئورنىتىلماقتا ۋە تۈركىيە بۇ يېڭى دۇنيادا تېگىشلىك ئورنىنى ئالىدۇ» دېگەن جۈملىسى بىلەن جاۋاب قايتۇرغان ئىدى.
1971 – يىلى 5 – ئىيۇندا، يېشىل قارىغاي كىنو سىتۇدىئوسىنىڭ نۇرغۇنلىغان فىلىملىرىدە رول ئالغان شۇنداقلا 1 رومانى ۋە 4 شىئېر كىتابى نەشىر قىلىنغان تۈرك شائىر، كىنو ۋە تىياتىر سەنئەتچىسى جاھىت ئىرگات ئۆلگەن ئىدى.
1972 – يىلى 5 – ئىيۇندا شىۋېتسىيەنىڭ ستوكھولىم شەھىرىدە چاقىرىلغان ب د ت مۇھىت ئاسراش كونفېرانسىنىڭ قارارى بىلەن 5 - ئىيۇن كۈنى «خەلقئارا مۇھىت ئاسراش كۈنى» دەپ قوبۇل قىلىنغان ئىدى.
1975 – يىلى 5 – ئىيۇندا، ئىسرائىلىيە بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان 6 كۈنلۈك ئۇرۇشتىن كېيىن، تاقىۋىتىلگەن سۇۋەيس قانىلى ئارىدىن 8 يىل ئۆتكەندىن كېيىن خەلقئارا دېڭىز قاتنىشىغا ئېچىلغان ئىدى.
ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! يۇقىرىدا تارىختىكى بۈگۈن ناملىق پىروگراممىمىزنى ئاڭلىدىڭلار.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تارىختىكى بۈگۈن: 31 – دېكابىر
ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىز ھۇزۇرۇڭلاردا...