تارىختىكى بۈگۈن: 22– ماي

فەراي ئۇز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمى ھۇزۇرۇڭلاردا...

1205119
تارىختىكى بۈگۈن: 22– ماي
  • 1885 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە،  «پەرىشانلار» ۋە «< Notre Dame > نىڭ دۈمچىكى» ناملىق رومانلارنىڭمۇ يازغۇچىسى بولغان فىرانسىيەلىك دۇنياغا داڭلىق يازغۇچى ۋىكتور ھۇگو پارىژدا ۋاپات بولدى.
  • 1960 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، چىلىدا رىختېر يەر تەۋرەش دەرىجىسىگە ئاساسەن 9.5 بال يەر تەۋرەش مەيدانغا كەلگەن. «ۋالدىۋا» ناملىق يەر تەۋرەش، دەرىجىسى شۇ كۈنگىچە ئۆلچەلگەن «ئەڭ چوڭ يەر تەۋرەش» دەپ ئاتالغان.
  • 1983 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ياۋروپا مەدەنىيەتلىرىنى تونۇشتۇرۇش مەقسىتىدە ياۋروپا كېڭىشى تەرىپىدىن ئىشقا ئاشۇرۇلغان كۆرگەزمىلەرنىڭ 18 – سى ئىستانبۇلدا «ئانادولۇ مەدەنىيەتلىرى كۆرگەزمىسى» نامىدا ئېچىلدى.
  • 2010 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ھىندىستاننىڭ جەنۇبىدا بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى قونۇۋاتقاندا پاچاقلىنىپ كەتتى. قازادا 158 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 8 كىشى يارىلاندى.
  • 2011 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، 64 – نۆۋەتلىك خەلقئارا كاننېس فىلىم فېستىۋالىدا، نۇرى بىلگە جەيلاننىڭ، «بىر چاغلاردا ئانادولۇ» ناملىق فىلىمى، «باھالاش ھەيئىتى بۈيۈك مۇكاپاتى» غا لايىق كۆرۈلدى.


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر