تارىختىكى بۈگۈن: 12.05.2019

فەراي ئۇز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

1199514
تارىختىكى بۈگۈن: 12.05.2019

■ 1820 – يىلى 12 – مايدا ئىستانبۇلدىكى سەلىمىيە ھەربىي رايونىدا قىرىم ئۇرۇشى ئەسناسىدا يارىلانغان ئىنگلىز ئەسكەرلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغان فلورېنس نايتىنگېل دۇنياغا كەلدى. كېچىلىرى لامپوچكىسىنى كۆتۈرۈپ يۈرۈپ كېسەللەرنى يوقلايدىغان بولغاچقا، ئۇنىڭغا «لامپۇچكىلىق ئايال» دەپ لەقەم قويۇلۇپ قالغانىدى.

■ 1871 – يىلى 12 – مايدا پارىژدا ئىككى ئاي ئەتراپىدا ھۆكۈم سۈرگەن «پارىژ كوممۇناسى» ئاجرىشىپ كەتكەن ئاياللارغا نەپەقە ئېلىش ھوقۇقى بەردى.

 ■ 1916 – يىلى 12 – مايدا ئېرىلاندىيەنىڭ ئەنگلىيەدىن مۇستەقىل بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان پاسكاليا قوزغىلىڭىنىڭ باشلامچىسى ۋە ئېرىلاندىيەنىڭ تۇنجى ئىشچى لىدىرلىرىدىن جېيمېس كونوللىيغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى.

■ 1978 – يىلى 12 – مايدا ئەنقەرەدىكى يىبا بازىرى گاز توڭى پارتلاپ كۈلگە ئايلاندى؛ ۋەقەدە 49 ئادەم قازا قىلدى، 100 ئادەم يارىلاندى.

■ 2001 – يىلى 12 – مايدا بىرازىلىيەلىك پىشقەدەم مىللىي پۇتبولچى دىدى ئالەمدىن ئۆتتى.

■ 2008 – يىلى 12 – مايدا خىتاينىڭ سىچۇەن ئۆلكىسىدە 7.8 بال يەر تەۋرىدى. 70 مىڭ ئەتراپىدا ئادەم جېنىدىن ئايرىلغان يەر تەۋرەشتىن كېيىن 3 كۈن دۆلەت مىقياسىدا ماتەم ئېلان قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر