تارىختىكى بۈگۈن: 07.05.2019

فەراي ئۇز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمى ھۇزۇرۇڭلاردا...

1196228
تارىختىكى بۈگۈن: 07.05.2019

■ 1915 – يىلى 07 – مايدا ئەنگلىيەنىڭ لۇسىتانىئا ناملىق پاراخوتى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئاتلانتىك ئوكياندا بىر گېرمانىيە سۇ ئاستى پاراخوتى تەرىپىدىن سۇغا غەرق قىلىنىپ، 1198 ئادەم ئۆلدى.

■ 1921 – يىلى 07 – مايدا تۈركىيە مۇئەللىمە ۋە مۇئەللىم جەمئىيەتلىرى بىرلىكى قۇرۇلدى.

■ 1943 – يىلى 07 – مايدا جۇمھۇرىيەتنى قۇرغۇچى باشلامچىلارنىڭ بىرى بولغان، باش مىنىستىرلىق ۋە پارلامېنت باشلىقلىقى ۋەزىپىلىرىنى ئۆتىگەن تۈرك ئەسكەرىي ۋە سىياسەت ئەربابى فەتھى ئوكيار ئالەمدىن ئۆتتى.

■ 1945 – يىلى 07 – مايدا گېرمان گېنېرال ئالفرېد جودل، گېرمانىيەنىڭ شەرتسىز تەسلىم بولۇشنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى مەزمۇن قىلغان ھۆججەتنى ئىمزالىدى. شۇنىڭ بىلەن، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشتى.

■ 1990 – يىلى 07 – مايدا تۈركىيەدە تۇنجى خۇسۇسىي تېلېۋىزىيە قانىلى سىناق تارقىتىشلىرىنى باشلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر