تارىختىكى بۈگۈن: 05.05.2019

فەراي ئۇز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمى ھۇزۇرۇڭلاردا...

1195109
تارىختىكى بۈگۈن: 05.05.2019

■ 1821 – يىلى 05 – مايدا ناپالېئون بوناپارت سۈرگۈن قىلىنغان ھېلېنا ئارىلىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

■ 1947 – يىلى 05 – مايدا بېلگىيە، ئەنگلىيە، دانىيە، فىرانسىيە، گوللاندىيە، ئىرېلاندىيە، شىۋېتسىيە، ئىتالىيە لىيۇكسېمبۇرگ ۋە نورۋېگىيە بىرلىشىپ ياۋروپا كېڭىشىنى قۇردى. تۈركىيە ياۋروپا كېڭىشىگە 1949 – يىلى ئاۋغۇستتا قېتىلدى.

■ 1955 – يىلى 05 – مايدا غەربىي گېرمانىيە تولۇق ئىگىلىك ھوقۇققا ئېرىشتى.

■ 1921 – يىلى 05 – مايدا تۈرك ئاياللار ئىتتىپاقىنىڭ تەشەببۇسىغا ئاساسەن، ھەر يىلى ماي ئېيىنىڭ ئىككىنچى يەكشەنبە كۈنىنىڭ ئانىلار بايرىمى سۈپىتىدە تەبرىكلىنىشى قارار قىلىندى. تۈرك ئاياللار ئىتتىپاقى قەھرىمان تۈرك ئايال نەنە خاتۇننى شۇ يىلنىڭ ئانىسى دەپ ئېلان قىلدى.

■ 1961 – يىلى 05 – مايدا ئالان شېپارد ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئالەم بوشلۇقىغا يوللىغان تۇنجى ئىنسان بولدى.

■ 1994 – يىلى 05 – مايدا نائىم سۈلەيمانئوغلۇ چېخىيە جۇمھۇرىيىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا ئېغىرلىق كۆتۈرۈش بويىچە چېمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ 64 كىلوگىراملىقلار تۈرىدە دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلاپ ئۈچ ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر