تارىختىكى بۈگۈن: 02.05.2019

فەراي ئۇز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمى ھۇزۇرۇڭلاردا...

1193406
تارىختىكى بۈگۈن: 02.05.2019

■ 1519 – يىلى 02 – مايدا رېنېسانس دەۋرىنىڭ ئەڭ مۇھىم سەنئەتچىلىرىنىڭ بىرى بولغان ئىتالىيەلىك رەسسام، ئىنژېنېر، مىمار ۋە ئىلىم ئەربابى لېئوناردو دا ۋىنجى 67 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

■ 1808 – يىلى 02 – مايدا ئىسپانىيەنىڭ مادرىد شەھىرىدە مەشھۇر «دوس دې مايو» قوزغىلىڭى باشلاندى. مادرىدنىڭ ناپولېئوننىڭ قوشۇنى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىشى ۋە ناپالېئوننىڭ ئاكىسىنىڭ ئىسپانىيە پادىشاھى ئېلان قىلىنىشىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن مادرىدلىقلار بىلەن فىرانسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ توقۇنۇشىدا يۈزلەرچە مادرىدلىق ئۆلدى.

■ 1885 – يىلى 02 – مايدا كاستامونۇ ئابدۇرراھمان پاشا تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئۇل تېشىنى قويۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. كاستامونۇ ئابدۇرراھمان پاشا تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى تۈركىيەدىكى تۇنجى رەسمىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئانادولۇدىكى تۇنجى تولۇق مەكتەپ بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە.

■ 1926 – يىلى 02 – مايدا ئاتلانتىك ئوكياننىڭ بىر قىرغىقىدىن ئىككىنچى قىرغىقىغا تۇنجى فاكىسلىق ئۇچۇر يوللاندى.

■ 2011 – يىلى 02 – مايدا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئەسكەرلىرى پاكىستاننىڭ ئاببوتتاباد شەھىرىدە ئوسامە بىن لادىننى ئېتىپ ئۆلتۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر