تارىختىكى بۈگۈن: 29– ئاپرېل

فەراي ئۇز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمى ھۇزۇرۇڭلاردا...

1191975
تارىختىكى بۈگۈن: 29– ئاپرېل

1916-يىلى 29-ئاپرېلدا كۇتۇل ئامارە مۇھاسىرە جېڭىدە خەلىل قۇت پاشاھ قوماندانلىقىدىكى 6-پىيادە قىسىم، ئىراق ئالدىنقى سېپىدە قۇتۇل ئامارە ناھىيەسىدە ئەنگلىيە قوشۇنىنى مەغلۇب قىلدى.

1920-يىلى 29-ئاپرېل كۈنى، ۋەتەنگە خائىنلىق قىلغانلارنى جازاغا تارتىشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇن ماقۇللاندى. تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىگە  قارشى ئىسيانلار چىقىۋاتقان بىر مەزگىلدە ماقۇللانغان مەزكۇر قانۇننىڭ مەقسىتى، خەلقنى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئەتراپىغا ئۇيۇشتۇرۇشتىن ئىبارەت.

1945-يىلى 29-ئاپرېلدا گېرمانىيە ئارمىيەسى ئىتالىيەدە ئىتتىپاقداش قىسىملارغا شەرتسىز تەسلىم بولدى. پولشادىكى داچۇ يىغىۋېلىش لاگېرىغا سولانغانلار ئىتتىپاقداش قىسىملار تەرىپىدىن قۇتقۇزۇلدى.

1951-يىلى  29-ئاپرېل كۈنى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مىللىي قەھرىمانى ئوسمان باتۇر، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قەتل  قىلىندى. ئوسمان باتۇر قازاق تۈركلىرىدىن بولۇپ شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن رۇسلار ۋە خىتايلارغا قارشى كۈرەش قىلغان پىدائىيلاردىن بىرىدۇر.

1979-يىلى 29-ئاپرېلدا تۈرك تىياتىر ۋە كىنو چولپانلىرىدىن مۇھسىن ئەرتۇغرۇل ۋاپات بولدى.

1980-يىلى 29-ئاپرېل كۈنى،داڭلىق كىنو رىژىسورى ئالفرېد ھىتكوك ئۆلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر