تارىختىكى بۈگۈن: 24 – ئاپرېل

فەراي ئۇز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

1189168
تارىختىكى بۈگۈن: 24 – ئاپرېل
  • يىل 1512، 24-ئاپرېل...
  • ئوسمانلىنىڭ 9-پادىشاھى ۋە تۇنجى ئوسمانلى خەلىفەسى بولغان ياۋۇز سۇلتان سەلىم تەختكە چىقتى.
  • 1877-يىلى 24-ئاپرېل رۇسىيە ئەفلاق ۋە بوغدانغا كىرىپ، ئوسمانلى دۆلىتىگە ئۇرۇش ئاچتى. نەتىجىدە، «93 ئۇرۇشى» دەپ ئاتالغان ئوسمانلى-رۇسىيە ئۇرۇشى باشلاندى.
  • 1955-يىلى 24-ئاپرېل ھىندونېزىيەنىڭ باندۇڭ شەھىرىدە يېڭىدىن مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرگەن ئافرىقا ۋە ئاسىيادىكى 29 دۆلەت ئىشتىراك قىلغان كونفېرانس ئاخىرلاشتى. خىتابنامىسىدە، ئېكسپىلاتاتسىيە ۋە ئىرقىي ئايرىمىچىلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەلەپ قىلىندى.
  • 1967-يىلى 24-ئاپرېل سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ ئالەم ئۇچقۇچىسى ۋلادىمىر مىخايلوۋىچ (Vladimir Mihailoviç) «1-سويۇز» ناملىق ئالەم كېمىسىنىڭ يەرگە چۈشۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە جېنىدىن ئايرىلدى. ئۇ ئالەمدە ۋەزىپە ئۆتەش جەريانىدا جېنىدىن ئايرىلغان تۇنجى ئالەم ئۇچقۇچىسى بولۇپ قالدى.
  • 1983-يىلى 24-ئاپرېل نۇرغۇنلىغان كىتاب ۋە ماقالىلەرنى يازغان، تۈركىيە مۇتەپەككۇرلىرى دۇنياسىدا مۇھىم ئورۇنغا ئىگە پىروفېسسور دوكتور ئەرول گۈنگۆر ئالەمدىن ئۆتتى.  


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر