تارىختىكى بۈگۈن: 12 – ئاپرېل

فەراي ئۇز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

1182083
تارىختىكى بۈگۈن: 12 – ئاپرېل
  • يىل 1861، 12-ئاپرېل...
  • ئامېرىكانىڭ ئىچكى ئۇرۇشى كارولىنا ئىشتاتىدا پارتلىدى. ئۇرۇشتا جەمئىي 620 مىڭ كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.
  • 1931-يىلى 12-ئاپرېل مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ بىۋاستە كۆرسەتمىسى بىلەن تۈرك تارىخىنىڭ بىرىنچى قول ماتېرىياللاردىن تەتقىق قىلىنىشى مەقسىتىدە، «تۈرك تارىخى تەتقىق جەمئىيىتى» قۇرۇلدى.
  • 1937-يىلى 12-ئاپرېل «مەقبەر ۋە ئەشبەر» گە ئوخشاش ئەسەرلىرى بىلەن تونۇلغان، تۈرك شائىرى، درامما يازغۇچىسى ۋە دىپلومات ئابدۇلھەق ھامىد تارھان ۋاپات بولدى.
  • 1961-يىلى 12-ئاپرېل سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقى بىرىنچى بولۇپ ئالەمگە ئادەم ئەۋەتتى. «1-ۋوستوك» (Vostok1) ناملىق ئالەم كېمىسى بىلەن ئالەمگە چىققان كوزمونوت يۇرى گاگائىن (kozmonot Yuri Gagarin) ئالەمدە 108 مىنۇت تۇردى.
  • 1969-يىلى 12-ئاپرېل بۇرۇنقى ئىسمى ئىستانبۇل مەدەنىيەت مەركىزى دەپ ئاتىلىدىغان «ئاتاتۈرك مەدەنىيەت مەركىزى»، ئايدا ئوپېراسى ۋە چەشمەباشى بالېتىنىڭ قويۇلۇشى بىلەن ئېچىلدى.
  • 1981-يىلى 12-ئاپرېل تۇنجى ئادەم توشۇيدىغان ئالەم راكېتاسى ھېسابلىنىدىغان «كولومبىيە» (Columbia) راكېتاسى ئالەمگە قويۇپ بېرىلدى. راكېتادىكى ئىككى ئاسترونوم ئالەمدە ماڭدى.


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر