تارىختىكى بۈگۈن: 04.04.2019
فەراي ئۇز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.
بۈگۈن 2019 – يىلى 4 – ئاپرىل
1814 – يىلى 4 – ئاپرىلدا ناپولىيون تۇنجى قېتىم تەختىدىن چۈشكەن ئىدى.
1913 – يىلى 4 – ئاپرىلدا ئوسمانلى دۆلىتىدە «ئاياللار دۇنياسى» ناملىق ژۇرنال چىقىرىلغان ئىدى. ژۇرنالنىڭ مەقسىتى ئومۇمىي ئاياللارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرى ۋە ئەركىنلىكىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئاياللارنىڭ ئاڭ ۋە پىكىرىلىرىنىڭ ئېچىلىشىنى شۇنداقلا خىزمەت ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا تېخىمۇ كۈچلۈك ھالغا كېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىدى.
1949 – يىلى 4 – ئاپرىلدا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (ناتو) قۇرۇلدى. ۋاشىنگىتوندا ئامېرىكا، بېلگىيە، دانىيە، فرانسىيە، لىيۇكسېمبۇرگ، نورۋىگىيە ۋە پولشا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (ناتو)نىڭ قۇرۇلۇش كېلىشىمىنى ئىمزالاشقان ئىدى.
1953 – يىلى 4 – ئاپرىلدا دېڭىز ئارمىيەسىگە تەۋە دۇملىپىنار دېڭىز ئاستى پاراخوتى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ مانىۋىرىدىن قايتىپ كېلىۋېتىپ، چاناققەلئە بوغۇزىدا شىۋېتسىيە پاراخوتى نابولاند بىلەن سوقۇشۇپ كېتىپ، سۇغا غەرق بولغان ئىدى. ۋەقەدە تۈركىيەنىڭ 81 نەپەر ئەسكىرى شېھىت بولغان بولۇپ، شۇڭا بۈگۈن «دېڭىز شېھىتلىرىنى خاتىرىلەش كۈنى» دەپ ئېلان قىلىنغان ئىدى.
1968 – يىلى 4 – ئاپرىلدا ئافرىقا ۋە ئامېرىكىنىڭ باش پوپى شۇنداقلا ئامېرىكىدىكى يۇرتداشلار ھەركىتىنىڭ رەھبىرى مارتىن لۇتېر كىڭ ج ر ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى. مارتىن لۇتېر زوراۋانلىققا قارشى ئىرقىي باراۋەرەلىك نامايىشلىرى بىلەن پۈتۈن دۇناغا تونۇلغان ھەمدە 1964 – يىلى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىدى.
1979 – يىلى 4 – ئاپلىدا پاكىستان باش مىنىستىرى زۇلفىقار ئەلى بوتتونىڭ ئۆلۈم جازاسى دارغا ئېسىلىپ ئىجرا قىلىنغان ئىدى.
1997 – يىلى 4 – ئاپرىلدا تۈركىيەنىڭ ھەربىي ۋە سىياسىي ئەربابى ئالپئارسلان تۈركەش ۋاپات بولغان ئىدى.
2010 – يىلى 4 – ئاپرىلدا ت ر ت نىڭ ئەرەبچە قانىلى «TRT El Arabia» تارقىتىشنى باشلىغان ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تارىختىكى بۈگۈن: 31 – دېكابىر
ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىز ھۇزۇرۇڭلاردا...