تارىختىكى بۈگۈن: 30.03.2019

فەراي ئۇز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

1173663
تارىختىكى بۈگۈن: 30.03.2019

 

 

بۈگۈن 2019 – يىلى 30 – مارت

1842يىلى 30 - مارتتا دوكتور كىرىۋفورد لوڭ بىر ئوغۇچىسىنىڭ بوينىدىكى ئۆسمىنى ئېلىش ئۈچۈن ئوپېراتسىيەسىدە بىمارنى ئېفىرا ئارقىلىق ئۇخلىتىپ، تىبابەت تارىخىدا تۇنجى قېتىم مەس قىلىپ ئوپىراتسىيە قىلىش يىڭىلىقىنى ياراتقان ئىدى. 

1856يىلى 30مارتتا رۇسىيە ئىمپېرىيەسى، ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى، ئەنگلىيە بىرلەشمە پادىشاھلىقى ۋە فىرانسىيە ئوتتۇرىسىدا پارىژ كېلىشىمى ئىمزالانغان ھەمدە بۇ كېلىشىم بىلەن قىرىم ئۇرۇشى ئاخىرىلاشقان ئىدى.

1863يىلى 30مارتتا ئاتا ئاتىسى يوق ئۆسمۈرلەرنى ھەقسىز ياتاقلىق مەكتەپتە ئوقۇتۇشنى نىشان قىلغان تۈركىيەدە، مائارىپ ساھەسىدىكى تۇنجى ئاممىۋىي تەشكىلات ھېسابلىنىدىغان دارۇششەفەقە قۇرۇلغان ئىدى.

1867يىلى 30مارتتا، ئامېرىكىنىڭ يەر كۆلىمى ئەڭ چوڭ، بىراق نوپۇسى ئەڭ ئاز ئىشتاتى ئالاسكا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋىليام ھ. سىۋارد تەرىپىدىن رۇسيە ئىمپېرىسيەدىن 7 مىليون 200 مىڭ دوللارغا سېتىۋىلىنغان ئىدى.

1908يىلى 30 - مارتتا باكۇ ۋە ئەتراپىدا سوۋىت ئىتتىپاقى ۋە ئەرمېنىيە ئىنقىلابچىلار فېدېراتسىيەسى قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش باشلانغان بولۇپ، «مارت ۋەقەسى» دەپ ئاتالغان بۇ توقۇنۇشلاردا نۇرغۇنلىغان پۇقرالار ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.

1956يىلى 30مارتتا تۈرك شائىر، يازغۇچى ۋە قانۇنشۇناس مىتھات جامال كۇنتاي ۋاپات بولغان ئىدى. ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! يۇقىرىدا تارىختىكى بۈگۈن ناملىق پىروگراممىمىزنى ئاڭلىدىڭلار.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر