تارىختىكى بۈگۈن: 2019 - يىلى 26 - مارت

فەراي ئۇز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمى ھۇزۇرۇڭلاردا...

1170517
تارىختىكى بۈگۈن: 2019 - يىلى 26 - مارت

■  922 – يىلى 26 – مارتتا ئىرانلىق  سوپى ۋە يازغۇچى مەنسۇر ھەللاجى ئابباسىيلار خەلىپىسى مۇقتەدىر بىللاھنىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن دارغا ئېسىلدى.

■  1931 – يىلى 26 – مارتتا ئامېرىكىلىق ئاكتىيور، رىژېسسور، مۇزىكانت ۋە فوتو – سۈرەت سەنئەتچىسى لېئونارد سىمون نىموي دۇنياغا كەلدى. دۇنيا ئۇنى سپوك ئەپەندى (Mr.Spock) رولى بىلەن تونىدى.

■  1931 – يىلى 26 – مارتتا  تۈركىيەدە ئۆلچەم – تارازىلار قانۇنىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى بىلەن، ئوققا، ئەندازە دېگەندەك كونا ئېغىرلىق ۋە ئۇزۇنلۇق ئۆلچەم بىرلىكلىرىنىڭ ئورنىغا گرام، مېتىر، لىتېرغا ئوخشاش يېڭى ئۆلچەم بىرلىكلىرىنى ئىشلىتىش قارار قىلىندى.

■  1979 – يىلى 26 – مارتتا ئەنۋەر سادات، مېناخېم بېگىن ۋە جىممي كارتېر ۋاشىنگتوندا ئىسرائىلىيە – مىسىر تىنچلىق كېلىشىمىنى ئىمزالىدى.

■  1995 – يىلى 26 – مارتتا ياۋروپا ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسىگە ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدا چېگرا ئېغىزلىرىدىكى ساقچى ۋە تاموژنا تەكشۈرۈشلىرىنى تەلتۈكۈس ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى نىشان قىلغان شەنگەن (ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئەركىن ساياھەت قىلىش كېلىشىمىگە تەرەپ بولغان دۆلەتلەر) كېلىشىمى ئىجرا قىلىنىشقا باشلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر