تارىختىكى بۈگۈن: 22– مارت
فەراي ئۇز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمى ھۇزۇرۇڭلاردا...
1168358
- 1829-يىلى 22-مارت كۈنى «گىرېتسىيە دۆلىتى» قۇرۇلغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك كېلىشىم لايىھەسى، لوندوندا ئۆتكۈزۈلگەن كونفېرانستا ياۋروپا دۆلەتلىرى ئەلچىلىرى تەرىپىدىن ئىمزالاندى.
- 1888 – يىلى 22 – مارت كۈنى ئەنگلىيەدە دۇنيا پۇتبول ساھەسىنىڭ ئەڭ قەدىمكى پۇتبول جەمئىيىتى بولغان « English Football League » قۇرۇلدى.
- 1943 – يىلى 22 – مارت كۈنى تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ئۆزئارا «رادىيو ئىستانسىلىرى خىزمىتى» ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.
- 1945 – يىلى 22 – مارت كۈنى مىسىر، سۈرىيە، لىۋان، ئىيوردانىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئىراق، يەمەن قاتارلىق دۆلەتلەر قاھىرەدە ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنى قۇردى.
- 1963 – يىلى 22 – مارت كۈنى «تارىختىن بۇيانقى ئەڭ ئىلغار 500 ئالبوم» دەپ ئاتالغان « The Beatles» نىڭ « Please Please Me » ناملىق تۇنجى ئالبۇمى بازارغا سېلىندى.
- 1968 – يىلى 22 – مارت كۈنى پارىژدىكى نانتېررې ئۇنىۋېرسىتېتىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋېيتنامدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئۇرۇشقا قارشى چىققان ۋە مائارىپ ساھەسىدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئوقۇغۇچىلار، Daniel Cohn-Bendit نىڭ رەھبەرلىكىدە ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ بىرىنچى دۈگىلەك تىياتىرخانىسىنى ئىشغال قىلىپ، «1968 – يىلقى ۋەقەلەر» نى باشلىدى.
- 2001 – يىلى 22 – مارت كۈنى تۈركىيەنىڭ تۇنجى ئايال ئۇچقۇچىلىرىدىن بىرى بولغان، شۇنداقلا، «دۇنيا بويىچە تۇنجى ئايال ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئۇچقۇچىسى» ھېسابلىنىدىغان سابىھا گۆكچەن ۋاپات بولدى. سابىھا گۆكچەن مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ 8 مەنىۋى پەرزەنتىدىن بىرى ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تارىختىكى بۈگۈن: 31 – دېكابىر
ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىز ھۇزۇرۇڭلاردا...