تارىختىكى بۈگۈن: 08 – مارت

فەراي ئۇز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمى ھۇزۇرۇڭلاردا...

1159724
تارىختىكى بۈگۈن: 08 – مارت
  • 1857 – يىلى 8 – مارت ئايال ئىشچىلار ئۆلگەن كۈن بولۇپ، كېيىن «خەلقئارا خانىم - قىزلار بايرىمى» كۈنى قىلىپ بېكىتىلگەن. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نىيۇ يورك شەھىرىدىكى تۇقۇمىچىلىق زاۋۇتىنىڭ 4 مىڭ ئايال ئىشچىسى، تېخىمۇ ياخشى شارائىت ئاستىدا خىزمەت قىلىش پۇرىسىتىگە ئېرىشىش مەقسىتىدە توقۇمىچىلىق زاۋۇتىدا ئىشلەشكە باشلىدى. بىراق، ساقچىلارنىڭ ئىشچىلارغا ھۇجۇم قىلىشى ۋە ئىشچىلارنىڭ زاۋۇتقا سولاپ قويۇلۇشى، ئارقىدىن يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە ئىشچىلارنىڭ زاۋۇتنىڭ ئالدىدىكى توسۇقلاردىن ئۆتۈپ قاچالماسلىقى سەۋەبىدىن، كۆپىنچىسى ئايال بولۇپ، 129 ئىشچى ھاياتىدىن ئايرىلدى. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ئايال ئىشچىلارنىڭ ئەنە شۇنداق ئېچىنىشلىق شەكىلدە قەتل قىلىنىشى سەۋەبىدىن، كوپېنھاگېندا 1910 – يىلى چاقىرىلغان «خەلقئارا سوتسىيالىست ئاياللار كونفېرانسى» دا، 8 – مارت، «خەلقئارا خانىم - قىزلار بايرىمى» كۈنى قىلىپ بېكىتىلدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىمۇ، 1977 – يىلى 16 – دېكابىر كۈنى قارار ماقۇللاپ، 8 – مارتنى «خەلقئارا خانىم - قىزلار بايرىمى» كۈنى قىلىپ بېكىتتى.

تۈركىيەدە بولسا، «8 – مارت خەلقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمى» كۈنى تۇنجى قېتىم 1921 – يىلى «ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمى كۈنى» سۈپىتىدە تەبرىكلىنىشكە باشلاندى.

  • 1906 – يىلى 8 – مارت كۈنى مورو كىراتېرى قەتلىئامى يۈز بەردى. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى 1898 – يىلى ئىسپانىيە بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، 20 مىليون دوللار بەدىلىگە فىلىپپىننى سېتىۋالغان، بىراق، فىلىپپىن خەلقى بۇ كېلىشىمگە قارشى چىققانىدى. 1902 – يىلى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى روزۋېلت  فىلىپپىندە ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ئېلان قىلغان، ئەمما، بۇ كېلىشىمنىڭ مورو خەلقى بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرگەنىدى. ئامېرىكا ئەسكەرلىرى مورو كراتېرىغا يوشۇرۇنۇۋېلىپ، ئاياللار بىلەن بالىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان فىلىپپىنلىك 600 مۇسۇلماننى ئۆلتۈرۈۋەتكەنىدى.  
  • 1944 – يىلى 8 – مارت كۈنى ھەجۋىي خاراكتېرلىك رومانلىرى بىلەن تونۇلغان تۈرك رومان يازغۇچىسى ۋە ژۇرنالىست ھۈسەيىن راھمى گۈرپىنار ئالدەمدىن ئۆتتى.
  • 1948 – يىلى 8 – مارت كۈنى «بەھچەت كېسەللىكى» دەپ ئاتالغان بىر خىل تېرە كېسەللىكىنى ئېنىقلاپ چىقىپ، خەلقئارا تېببىي ساھەسىدە تونۇلغان، تېرە ۋە تاناسىل ئەزا كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى پىروفېسسور دوكتور ھۇلۇسى بەھچەت ئىستانبۇلدا ۋاپات بولدى.
  • 1955 – يىلى 8 – مارت كۈنى تۈركىيەنىڭ تۇنجى راك كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئاپتېكىسى ئېچىلدى.
  • 1974 – يىلى 8 – مارت كۈنى پارىژنىڭ چارلېس دې گاللې ئايرودۇرۇمى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلدى.        


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر