تارىختىكى بۈگۈن: 06 – مارت

فەراي ئۇز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمى ھۇزۇرۇڭلاردا...

1157868
تارىختىكى بۈگۈن: 06 – مارت
  • 1714 – يىلى 6 – مارت كۈنى ئىنگىلىز ئىنژېنېر ھېنرى مىل خەت ئۇرۇش ماشىنىسىنىڭ پاتېنتىنى ئالدى.
  • 1869 – يىلى 6 – مارت كۈنى دىمىترى مېندېلېيېۋ  تۇنجى ئېلېمېنتلارنىڭ دەۋرىي جەەدۋىلىنى ئېلان قىلدى. ئېلېمېنتلارنىڭ دەۋرىي جەەدۋىلى خىمىيەلىك ئېلېمېنتلارنى تۈرلەرگە ئايرىش ئۈچۈن ئىجاد قىلىنغانىدى.
  • 1902 – يىلى 6 – مارت كۈنى  خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن «20 – ئەسىردىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر پۇتبول كوماندىسى» دەپ ئاتالان رېئال مادرىد پۇتبول كۇلۇبى قۇرۇلدى.
  • 1920 – يىلى 6 – مارت كۈنى مىللىي ۋە تارىخىي ھېكايىلىرى بىلەن تونۇلغان مەشھۇر يازغۇچى ئۆمەر سەيفەتتىن 36 يېشىدا ۋاپات بولدى.
  • 1946 – يىلى 6 – مارت كۈنى تۇنجى ئالاھىدە ئىقتىدارلىق ئېلېكتىرونلۇق كومپىيۇتېر « Eniac»، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ئىشلىتىلىشكە باشلاندى. « Eniac»، ئېلېكتىرونلۇق دىگىتال كومپىيۇتېرنىڭ دۇنياغا كېلىشى يولىدا تاشلانغان چوڭ قەدەملەردىن بىرى سۈپىتىدە تاكى 1955 – يىلغىچە ئىشلىتىلدى.
  • 1955 – يىلى 6 – مارت كۈنى ئەزەربەيجاننىڭ قۇرغۇچىسى مەھمەت ئېمىن رەسۇلزادە ۋاپات بولدى. مەھمەت ئېمىن رەسۇلزادە 1917 – يىلى «تۈركلەرنىڭ تارىخىدىكى تۇنجى تۈرك جۇمھۇرىيىتى» ھېسابلىنىدىغان «ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتى» نى قۇرغانىدى. بىراق، ئارىدىن بىرقانچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن بۇ دۆلەت سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغانىدى.
  • 1964 – يىلى 6 – مارت كۈنى Cassius Clay  ئىسمىنى مۇھەممەد ئەلىغا ئۆزگەرتتى. «ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ ئىلغار بوكسچى» دەپ ئاتالغان مۇھەممەد ئەلى، بوكس ھاياتىدا پەقەت بەش قېتىملا مەغلۇب بولدى.
  • 1955 – يىلى 6 – مارت كۈنى تۈركىيە تەرىپىدىن 1963 – يىلى «ئەنقەرە كېلىشىمى» ئارقىلىق ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن «ياۋروپا بىلەن بىر گەۋدىلىشىش باسقۇچى» دا يەنە بىر قەدەم تاشلاندى. ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 15 دۆلەت بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا «تاموژنا بىرلىكى كېلىشىمى»، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇرات قارايالچىن تەرىپىدىن ئىمزالاندى.  


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر