تارىختىكى بۈگۈن: 02.03.2019

فەراي ئۇز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

1155444
تارىختىكى بۈگۈن: 02.03.2019

 

بۈگۈن 2019 – يىلى 2 – مارت

1882يىلى ئەنگلىيەنىڭ مىسىرنى ئىشغال قىلىشى بىلەن سۇۋەيش قانىلىنىڭ كونتىروللۇقى ئەنگلىزلارغا ئۆتۈپ كەتكەن ۋە بۇ ئىش ياۋروپادا قاتتىق بىئاراملىق پەيدا قىلغان ئىدى. ئەسلىدە ئىشغال قىلىنغىچە بولغان تارىخقا قەدەر بۇ قانال بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئىشلىتىشىگە ئوچۇق ئىدى. ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ بىئاراملىقىغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى 1888يىلى 2 - مارت كۈنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن قۇرۇلتايدا بىر يەرگە جەم بولۇپ، ھەل قىلىش چارىسى تېپىشقا تىرىشتى. قۇرۇلتايدىن كېيىن سۇۋەيش قانىلىنىڭ بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئىشلىتىشىگە ئېچىلىشى تەستىقلاندى. تەكلىپ كېلىشىمىنى بارلىق تەرەپلەر ئىمزالىدى. كېلىشىم ھەر تۈرلۈك توسالغۇلار يوقۇتۇلغاندىن كېيىن 1888يىلى 29ئۆكتەبىردە ئىجرا قىلىنىشقا باشلاندى.

فانتازىيەلىك فىلىم «King Kong» 1933 – يىلى 2 - مارتتا تۇنجى قېتىم نىيۇيوركتا قويۇلدى. كېيىنچە بۇ فىلىمنىڭ بىر قانچىلىغاك ھەر خىل نۇسخىلىرى ئىشلەپچىقىرىلدى. بۇ فىلىمدە ھىندى ئوكياندىكى «Skull» (يەنى، باش سۆڭىكى) ئارىلىدا، ئىسانلاردىن يىراقتا ياشىغان ئىنتايىن چوڭ بىر گورىللانىڭ مەدەنىيەت بىلەن تۇنجى ئۇچرىشىشى، سۆيگۈ ۋە ئۇرۇش بىلەن تۇنۇشىشى نەتىجىسىدە قايتۇرغان ئىنكاسلىرىنىڭ ئىنسانلار تەرىپىدىن باشقىچە چۈشۈنۈلۈپ قىلىشى قاتارلىقلارنى مەزمۇن قىلاتتى. 

تۈركىيە مىللىي ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا باشلامچىلىق قىلىپ، تۈركىيەنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىلارغا قاتنىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرغان ئوقۇتقۇچى، تەنتەربىيە باشقۇرغۇچىسى ۋە سىياسەتچى سەلىم سىررى تارجان يۈرەك سانجىقى سەۋەبىدىن 1957يىلى 2مارتتا ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.

سەلىم سىررى تارجان گالاتاساراي ئوتتۇرا مەكتىپىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئىنژانېيىرلىقتا ئوقۇغان ئاندىن شىۋېتسىيە پادىشاھلىق ئارمىيەسى تەنتەربىيە ۋە گىمناستىكا ئاكادېمىيەسىنى پۈتكۈزگەن ئىدى. شىۋېتسىيەدە يېزا كۈلتۈرىنى خەلققە ئومۇملاشتۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىنى كۆرۈپ قاتتىق تەسىرلەنگەن سەلىم سىررى تارجان ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، فولكلور خىزمەتىلىرىنى باشلىدى. ئەگە رايونى زەيبەك ئۇسۇلىنى ئىستانبۇل خەلقىگە تونۇشتۇردى. بىرگە ئېلىپ كەلگەن شىۋېتسىيە نوتىلىرى ئارقىلىق بىر ناخشىنى ئومۇمىي خورغا ئايلاندۇردى ۋە بۈگۈنكى كۈندىمۇ ھەممىلا ئادەم ھىسسىيات بىلەن ئوقۇپ كېلىۋاتقان ياشلار مارشىنىڭ ئىجادىيەتچىسىگە ئايلاندى. سەلىم سىررى تارجان ھاياتى بويىچە 58 كىتاب، 2500 ماقالە ۋە ئاساسلىق كۆپ قىسمى تەنتەربىيەنى تېما قىلغان 1520 قېتىم كونفرانس بېرىش ئارقىلىق نورمالدا ھەممىلا ئادەم ئىشقا ئاشۇرالمايدىغان بىر رېكورت ياراتقان ئىدى.

1990يىلى 2مارتتا جەنۇبىي ئافرىقىلىق پائالىيەتچى نېلسون ماندېلا ئافرىقا دۆلەت قۇرۇلتىيىنىڭ باشلىقلىق ۋەزەپىسىگە سايلاندى. تاكى 1999يىلىغا قەدەر بۇ ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇردى. 1994يىلى تۇنجى قېتىم بارلىق خەلق قاتناشقان سايلام ئارقىلىق جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ پىرېزىدېنتىلىقىغا سايلاندى. ماندېلا ھاياتى بويىچە ئايرىمچىلىق، ئىرقىۋازلىق، نامراتلىق ۋە تەڭسىزلىككە قارشى كۈرەش قىلدى. ئۇ 1993 - يىلى دې كلېرك بىلەن بىرگە نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغىمۇ ئېرىشكەن ئىدى.     



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر