تارىختىكى بۈگۈن: 28.02.2019

فەراي ئۇز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

1153846
تارىختىكى بۈگۈن: 28.02.2019
  • بۈگۈن 2019 – يىلى 28 – فېۋرال
  • 1922 يىلى 28 - فېۋرال مىسىر ئەنگلىيەنىڭ ھاكىمىيىتىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىللىقىنى جاكارلىدى.
  • دەرۋەقە، 1500 يىلى ئوسمانلى ھاكىمىيىتى ئاستىغا ئۆتكەندىن كېيىن تەخمىنەن 400 يىل تۈركلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا ئۆتكەن مىسىر 1882 يىلى ئوسمانلىدىن ئايرىلىپ ئەنگلىيەنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستغا ئۆتكەن ئىدى. 40 يىل داۋاملاشقان ئەنگىليە ھاكىمىيىتىدىن كېيىن، گەرچە 1922 يىلى 28 فېۋرال مۇستەقىللىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، ئەمما ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى. ئەنگلىيە يەنە 30 يىلغىچە مىسىردىكى تەسىرىنى ساقلاپ ھاكىمىيەتنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلەپ كەلدى. ئەنگلىيەنىڭ كونتروللۇقى 1952 يىلى مىسىر پادىشاھلىقى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش ئارقىلىق ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن ئاخىرىلاشقان بولدى. مىسىردا پادىشاھلىق تۈزۈم ئاغدۇرۇلۇپ بىر يىلدىن كېيىن جۇمھۇرىيەت ئېلان قىلىندى.
  • ***** ******
  • 1940 يىلى 28 - فېۋرال تۇنجى ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى ئامېرىكا تېلېۋىزىيەسىدە ئۇلاپ تارقىتىلدى. فوردھام بىلەن پېتىسبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتى كوماندىلىرىنىڭ مادىسون مەيدانى باغچىسىدا ئۆتكۈزگەن مۇسابىقىسى، تېلېۋىزوردا ئۇلاپ تارقىتىلغان تۇنجى ۋاسكېتبول مۇسابىقسىغا ئايلاندى.
  • ***** ** *** ****
  • 1945 يىلى 28 فېۋرال تۈركىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەھدىنامىسىغا ئىمزا قويدى. تۈركىيەنىڭ مەسلىھەتچى دەرىجىلىك ئەلچىسى ئورخان ئېرول تەرىپىدىن ئامېرىكىدا ئىمزالانغان ئەھدىنامىدىن 8 ئاي كېيىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى رەسمىي قۇرۇلدى. تۈركىيە ئۆز نۆۋىتىدە يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچى ئەزالىرىدىن بىرسى بولغان ئىدى.
  • بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پىكرى ئەڭ دەسلەپتە، 2 دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۇرۇشتىن غالىپ چىققان دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، مەقسىتى ھەر قايسى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى چۇشىنىشمەسلىكلەرنى بىر تەرەپ قىلىپ، كەلگۈسىدە يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ۋە ئۆز مەۋجۇتلۇقىغا تەھدىت شەكىللەندۈرىدىغان بىرەر ئۇرۇشنىڭ يۈز بېرىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىدى.
  • **** ** ** ** **
  • 2015 يىلى 28 فېۋرال نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا تۇنجى قېتىم نامزات كۆرسىتىلگەن تۈرك يازغۇچى ياشار كامال ۋاپات بولدى. تېخى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇماي تۇرۇپلا ئىشنى شېئىر بىلەن باشلىغان، كېيىنچە رومان، ھېكايە ۋە سېنارىيە يازغۇچىسى بولغان ياشار كامال تۈرك ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ بۈيۈك ئۇستازلىرىدىن بىرسى دەپ تونىلاتتى. ياشار كامالنىڭ ئەسەرلىرى نۇرغۇنلىغان تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ، پۈتۈن دۇنياغا تارقالغان ۋە كىتابلىرىدىنمۇ نۇرغۇنلىغان كىنو فىلىملەر ئىشلەنگەن ئىدى.
  • ئۇ يەنە تۈركيىەدىن ئالغان مۇكاپاتلىرىدىن باشقا خەلقئارالىق «Cino del Duca» مۇكاپاتىغا، «Légion d'Honneur» مېدالىغا، «Premi Internacional Catalunya» ۋە گېرمانىيە كىتابچىلار بىرلەشمىسى فىرانكفورت كىتاب يەرمەنكىسىنىڭ تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىدى.  


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر