تارىختىكى بۈگۈن: 2019 - يىلى 26 - فېۋرال

فەراي ئۇز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمى ھۇزۇرۇڭلاردا...

1152490
تارىختىكى بۈگۈن: 2019 - يىلى 26 - فېۋرال

■  1925 – يىلى 26 – فېۋرالدا تاماكا رەجىسى بىكار قىلىندى... قىرىم ئۇرۇشى بىلەن بىرلىكتە چېكىنىشكە يۈزلەنگەن ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى قەرزلىرىنى تۆلىيەلمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، قەرزلەرنىڭ ئورنىغا توپلانغان باجلارنى ئۆز مەنبەسىدىلا ئېلىش ئۈچۈن چەتنىڭ ئۈچ بانكىسى بىر گۇرۇپپا قۇرۇپ چىقتى. رەجى، دەپ ئاتالغان بۇ گۇرۇپپا دۆلەت تەۋەلىكىدە ئىشلەپچىقىرىلغان تاماكىنى ئۆزلىرى بېكىتكەن باھادا سېتىۋېلىشقا باشلىدى. دېھقانلار ئۆزلىرى چېكىدىغان تاماكىنىمۇ ئايرىپ قالالمايتتى. تاماكىغا ئوخشاش تۇز ۋە قەھۋەدىن ئېلىنىدىغان باجلارنىمۇ مۇشۇ گۇرۇپپا توپلايتتى. مەسىلە شۇ نۇقتىغا بېرىپ يەتتىكى، رەجى ئۆز قارمىقىدا قوراللىق مۇھاپىزەتچىلەرنى تەشكىل قىلىپ، ئىشلەپچىقارغۇچىغا زىيانكەشلىك قىلغانلىقى، ھەتتا 42 يىللىق بۇ مۇساپىدە 20 مىڭغا يېقىن ئادەمنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ئەمدىلا قۇرۇلغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى، بۇ مونوپوللۇققا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن، 1925 – يىلى 26 – فېۋرالدا «تاماكا رەجىسى» نى ئەمەلدىن قالدۇردى، ئارقىدىن 1925 – يىلى 1 – مارتتا سېتىۋالدى.

■  1985– يىلى 26 – فېۋرالدا تۈركىيە كىنوچىلىقىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئاكتىيورلىرىدىن تارىق ئاقان 35 – نۆۋەتلىك بېرلىن فىلىم فېستىۋالىدا باھالىغۇچىلار ئالاھىدە مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. تارىق ئاقانغا بۇ مۇكاپات، زەكى ئۆكتەن رېژىسسورلۇق قىلغان «پەھلىۋان» ناملىق فىلىمدىكى رولى ئۈچۈن بېرىلدى. لېكىن، 12 – سېنتەبىر ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشىدىكى پوزىتسىيەسى تۈپەيلى پاسپورت ئالالمىغانلىقى ئۈچۈن، مۇكاپاتنى تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىغا بارالمىدى.

■  1992– يىلى 26 – فېۋرالدا ئەزەربەيجاننىڭ خوجالى شەھىرىگە كىرگەن قوراللىق ئەرمەنلەر، 613 ئەزەربەيجان تۈركىنى ئۆلتۈردى. «خوجالى قەتلىئامى» دېگەن نام بىلەن تارىخ سەھىپىلىرىدىن ئورۇن ئالغان بۇ ۋەقە، ئەزەربەيجانغا قاراشلىق قاراباغ ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەرمېنىيەگە قارىتىلىشىنى خالايدىغان ئەرمەنلەر بىلەن بۇنىڭغا قارشى چىققان تۈركلەر ئارىسىدا داۋاملىشىۋاتقان «قاراباغ ئۇرۇشى» ئەسناسىدا يۈز بەردى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، خوجالى قەتلىئامىغا تاغلىق قاراباغنىڭ ئىشغال قىلىنىشىدىن كېيىنكى ئەڭ كەڭ كۆلەملىك پۇقرالار قەتلىئامى، دەپ باھا بەردى. ھۇجۇمدا 106 سى ئايال، 83 كىچىك بالا بولۇپ جەمئىي 613 ئەزەربەيجان تۈركى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

■  2004– يىلى 26 – فېۋرالدا ماكېدونىيە پىرېزىدېنتى بورىس تراجكوۋىسكى ئولتۇرغان ئايروپىلان بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنانىڭ موستار شەھىرى ئەتراپىدا چۈشۈپ كېتىپ، ھەمراھلىقىدىكى 8 كىشى بىلەن بىرلىكتە قازا قىلدى. تراجكوۋىسكىنىڭ ئورنىغا 12 – مايدا برانكو سرۋېنكوۋىسكى ئۆتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر