تارىختىكى بۈگۈن: 25 – فېۋرال

فەراي ئۇز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمى ھۇزۇرۇڭلاردا...

1151936
تارىختىكى بۈگۈن: 25 – فېۋرال
  • 1964 – يىلى 25 – فېۋرال كۈنى مۇھەممەد ئەلى كلاي سونى لىستوننى يېڭىپ، دۇنيا ئېغىر دەرىجىلىكلەر بوكس چېمپىيونى بولدى. مۇھەممەد ئەلىنىڭ مۇسۇلمان بولۇشتىن بۇرۇنقى ئىسمى Cassius Marcellus Clay بولۇپ، تېگى ئافرىلىق ئامېرىكىلىقتۇر. ئۇ 12 ياشقا كىرگەن چېغىدا بوكس بىلەن تونۇشتى. قىسقا ۋاقىت ئىچىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىلەن شۆھرەت قازاندى. 18 ياشقا كىرگەن چاغدا قاتناشقان رىم ئولىمپىك تەنتھەرىكەت مۇسابىقىلىرىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى. 1964 – يىلى «دۇنيا ئېغىر دەرىجىلىكلەر بوكس چېمپىيونى» ئۇنۋانىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، دىنىنى ئۆزگەرتتى ۋە ئىسلام دىنىغا كىرىپ، مۇسۇلمان بولدى. پەقەت تەنھەرىكەتچى كىملىكى بىلەنلا ئەمەس، مىجەز – خاراكتېرى ۋە سۆز – ھەرىكەتلىرى بىلەنمۇ ھەمىشە كۈنتەرتىپتىن ئورۇن ئالدى. «ۋېيتنام ئۇرۇشى» مەزگىلىدە، «ۋېيتناملىقلار ماڭا ھېچقانداق يامانلىق قىلمىغان تۇرسا، مەن نېمە دەپ ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلغۇدەكمەن؟» دەپ «ۋېيتنام ئۇرۇشى» غا قاتناشمىدى.شۇ سەۋەبتىن، 5 يىللىق قاماق ۋە 10 مىڭ دوللارلىق پۇل جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. 1960 – يىلقى رىم ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىدىن قايتىپ، ئىككى كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، تاماق يېيىش ئۈچۈن بىر ئاشخانىغا كىردى، ئۇ بۇ ئاشخانىدا پەقەت ئاق تەنلىكلەرلا تاماق يەيدىغانلىقىنى ئۇققاندىن كېيىن، ئالتۇن مېدالىنى «ئوخايو دەرياسى» غا تاشلىۋەتتى. شۇ ۋەجىدىن، ئۇزۇن مۇددەت بوكس مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشالمىدى. ئۇ بوكس مۇسابىقىلىرىدە پەقەت 5 قېتىملا مەغلۇب بولدى.
  • 1994 – يىلى 25 – فېۋرال كۈنى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان ھېبرون شەھىرىدە بارۇچ گولدستېين ئىسىملىك بىر يەھۇدىينىڭ ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە 25 پەلەستىنلىك ئۆلدى. بۇ قەتلىئام تارىخ سەھىپىلىرىدىن «ئىبراھىم جامەسى قەتلىئامى» سۈپىتىدە ئورۇن ئالدى. بارۇچ گولدستېين غەزەپ – نەپرەتكە تولغان ئامما تەرىپىدىن ئۆلۈم بىلەن جازالاندۇرۇلدى. كېيىنچە يۈز بەرگەن ئىسيان ھەرىكەتلىرىدە 25 پەلەستىنلىك بىلەن 9 ئىسرائىلىيەلىك ئۆلدى.
  • 1994 – يىلى 25 – فېۋرال كۈنى تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ كارخانىچىلاردىن بىرى بولغان ۋەھبى كوچ بۇ دۇنيا بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى. 1901 – يىلى دۇنياغا كەلگەن ۋەھبى كوچ، 16 ياشقا كىرگەن چېغىدا دادىسى ئېچىپ بەرگەن باققال دۇكىنىدا شېكەر، سېرىق مايدىن ياسالغان ئېرىمچىك، زەيتۇن قاتارلىقلارنى سېتىپ، تىجارەت قىلىشقا باشلىدى. 1926 – يىلى رەسمىي تىزىمغا ئالدۇرۇپ، سودا دۇنياسىغا قەدەم قويغاندىن كېيىن، تۇنجى خەلقئارالىق شىركەت كېلىشىمى تۈزدى. بارغانسېرى تەرەققىي قىلىۋاتقان تۈركىيەنىڭ ئېھتىياجلىرىغا ماس ھالدا ھەمىشە يېڭى ساھەلەر بويىچە كېلىشىملەرنى تۈزۈپ، ئاشۇ كىچىككىنە باققاللىق دۇكان ساھىبىدىن، تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ سودا گۇرۇھى شىركىتىنىڭ خوجايىنىغا ئايلاندى. 1984 – يىلى سودا دۇنياسىدىن چېكىنىپ، ئاممىۋى لايىھەلەرگە يۈزلەندى.  1987 – يىلى خەلقئارا سودا ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن ۋەھبە كوچقا «ئەڭ مۇنەۋۋەر شەخس» ئۇنۋانى بېرىلدى. ئۇنۋانى يېزىلغان تەقدىرنامىسىنى يېڭى دېھلىدا شۇ دەۋردىكى ھىندىستان باش مىنىستىرى راجىۋ گەندىنىڭ قولىدىن ئالدى. 1984 – يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى بوتروس بوتروس غالى تەرىپىدىن «دۇنيا پىلانلىق ئائىلە مۇكاپاتى» غا لايىق كۆرۈلدى. ئۇ «ھېكايەم» ۋە «خاتىرىلىرىم، قاراشلىرىم ۋە نەسىھەتلىرىم» ناملىق ئىككى ئەسەر يازدى.
  • 2000 – يىلى 25 – فېۋرال كۈنى مېكسىكىلىق گىتارچى ۋە كومپوزىتور كارلوس سانتانا، 8 گراممى مۇكاپاتىنى بىراقلا قازاندى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى مايكېل جاكسون گىراممى مۇكاپاتى ساھەسىدە، « Thriller» ناملىق ئالبومى بىلەن رېكورتنى بۇزۇپ تاشلىغانىدى. بۇ قېتىم سانتانا، «بىر قېتىمدىلا ئەڭ كۆپ گىراممى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن سەنئەتچى» بولۇش سۈپىتى بىلەن رېكورت ياراتتى.   


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر