تارىختىكى بۈگۈن: 16.02.2019

فەراي ئۇز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

1146532
تارىختىكى بۈگۈن: 16.02.2019

 

 

1459يىلى 16فېۋرال؛ ئىستانبۇلنى فەتھى قىلىپ، بىر دەرۋگە خاتىمە بەرگەن ۋە يېڭى بىر دەۋرنى ئاچقان فاتىھ سۇلتان مەھمەت خاننىڭ ئۇستازى، تۈرك ئالىم ئاقشەمسىددىن ۋاپات بولغان كۈندۈر. ئاقشەمسىددىن ھەر خىل ساھەلەردە يېتىشكەن ئالىم بولۇپ، ئىلىم پەن ۋە تەسەۋۋۇپ ساھەسىدىكىگە ئوخشاش تىبابەت ۋە دورىگەرلىك ساھەسىدىمۇ نام چىقارغان ئىدى. يالغۇز جىسمانىي كېسەللىكلەرنىلا ئەمەس، رۇھى كېسەللىكلەرنىمۇ داۋالىغان ئىدى. ئاقشەمسىددىن مىكروپنى قانچىلىغان يىللار ئىلگىرى «ماددەتۇل ھايات» ناملىق كىتابىدا، «كېسەللىكلەر ئىنسانلاردا بىر بىرلەپ ئوتتۇرىغا چىقىدۇ، دەپ قاراش خاتا. كېسەللىك ئىنساندىن ئىسانغا يۇقۇش ئارقىلىق ئۆتىدۇ. بۇ يۇقۇملىنىش كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان كىچىك، بىراق ئۆزى جانلىق ئۇرۇقچىلار ئارقىلىق بولىدۇ» دەپ ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئانتونې ۋان لېۋېنگوك ئۇنىڭدىن تەخمىنەن ئىككى ئەسىر كېيىن مىكروپنى بايقىغان ئىدى.

تۈركىيەدە ئاۋېئاتسىيە سانائىتىنى قورۇپ چىقىش، ھەربىي، ئاممىۋىي، تەنتەربىيە ۋە ساياھەت ساھەسى ئاۋېئاتسىيە سانائىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن 1925يىلى 16 - فېۋ رالدا «تۈرك تەييارە جەمئيىتى» قۇرۇلغان ئىدى. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇستافا ئاتاتۈركنىڭ «ئىستىقبال كۆكلەردىدۇر» دېيىش ئارقىلىق چۈشۈرگەن بۇيرۇقىغا بىنائەن قۇرۇلغان بۇ جەمئىيەتنىڭ ئىسمى، 1935يىلى «تۈركىيە ئاۋېئاتسىيە ئىدارىسى» غا ئۆزگەرتىلدى.  جەمئىيەت تۈركىيەنىڭ تۇنجى ئايال ئۇچقۇچىسى سەبىھا گۆكچەنگە ئوخشاش ئاتاقلىق ئۇچقۇچىلارنى يېتىشتۇردى. 1931يىلىدا ئۇچقۇچى ۋەجىدى ئەپەندى ئۆزىنىڭ خۇسۇسىي زاۋۇتىدا ئىشلەپچىقارغان ئايروپىلان بىلەن ئۇچۇپ، تۈركىيە ئاسمىنىنى قىسقا سەيلە قىلىشتا ئۇتۇققا ئېرىشتى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە جەمئىيەت چەت ئەللەردە تەربىيەلىگەن سەلاھىتتىن راشىد ۋە ئۇ قۇرغان ئەترەت ئايروپىلان ماتورى ۋە ئايلانما قاناتلىرىدىن باشقا بارلىق سايمانلىرىنى تۈركىيەدە ئىشلەپچىقىرىش ئارقىلىق پۈتكۈزگەن تۈنجى دۆلەت ئايروپىلانىنىڭ شەكىل لايىھەسىنى تەقدىم قىلغان ئىدى.

1959يىلى 16 - فېۋرالدا فىدەل كاسترو كۇبا ئىنقىلابى نەتىجىسىدە كۇبانىڭ پىرېزىدېنتى بولدى. ئىلگىرىكى باتىستا دىكتاتورلۇقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئۈچۈن 1953يىلىدا باشلىغان پائالىيەتلىرى بىلەن كوبا ئىنقىلابىنىڭ ئەڭ مۇھىم رەھبەرلىرىدىن بىرسىگە ئايلانغان كاستىرونىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا كېلىپلا تۇنجى قىلغان ئىشى دۆلەت مىقياسىدىكى مال باھاسى ۋە ئىجارە باھاسىنى تۆۋەنلىتىش بولدى. يەر ئىنقىلابى ئارقىلىق چوڭ تېرىلغۇ يەرلەرنى دۆلەت تەۋەلىكىگە ئۆتكۈزۋېلىپ، كوللېكتىپ تېرىقچىلىق مەيدانلىرىنى قۇرۈپ چىقتى. ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئامېرىكا بىلەن پىكىر ئىختىلاپىغا دۇچ كەلدى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئامېرىكىنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمەنلىرىدىن بىرسىگە ئايلاندى. 1961يىلىدا ئامېرىكىنىڭ كوباغا قارشى باشلىغان توڭگۇر بوغۇزى ئۇرۇشىدىن كېيىن 1962يىلىدا سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ كوباغا بومبىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشىغا رۇخسەت قىلدى. ئۇزۇن يىللارغىچە ئامېرىكا بىلەن سوۋىت ئىتتىپاقى ئوتتۇرىىسدىكى سۈركىلىشلەرنىڭ مەركىزىدىن ئورۇن ئالدى. 2008يىلى بايانات ئېلان قىلىپ، پىرېزىدېنتلىقتىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى.

1999يىل 16فېۋرالدا، ئۆزبېكىستاننىڭ پايتەختى تاشكەنتتە پىرېزىدېنت ئىسلام كىرىموۋغا سۇيىقەست قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى. ئىسلام كىروموۋ تەلىيى ئوڭ كىلىپ سۇيىقەستىن قۇتلۇپ قالدى. ھۇجۇمدا 15 ئۆزبېكىستان ئەسكىرى ھاياتىدىن ئايرىلدى ۋە ئونلىغان كىشى يارىدار بولدى. ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ھىزبۇت تەھرىر ئۆز ئۈستىگە ئالدى.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! يۇقىرىدا تارىختىكى بۈگۈن ناملىق پىروگراممىمىزنى ئاڭلىدىڭلار.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر