تارىختىكى بۈگۈن: 15 – فېۋرال

فەراي ئۇز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمى ھۇزۇرۇڭلاردا...

1145754
تارىختىكى بۈگۈن: 15 – فېۋرال
  • مىلادىدىن بۇرۇنقى 399-يىلى 15-فېۋرال «ئەخلاق پەلسەپىسىنىڭ ئاساسچىسى» دەپ ئاتالغان قەدىمكى ئەڭ مەشھۇر يۇنان پەيلاسوپلىرىدىن بىرى بولغان سوقرات، يۇنان تەڭرىلىگە قارشى چىققانلىقى سەۋەبلىك ئۆلۈم جازاسىغا مەھكۇم قىلىندى. كەمتەرلىكى، يامان ئادەتلىرى ۋە پەلسەپىدىن باشقا ئىش بىلەن شۇغاللانمىغانلىقى بىلەن بىلىنىدىغان سوقرات، ئوقۇغۇچىسى ئەپلاتوننى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۇنانلىق ياشلارغا ئۆزىنى تەقلىد قىلىدىغان دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەنىدى. يۇنانلىق ياشلار ئۇنىڭغا تەقلىد قىلىپ، يالىڭاياق يۈرۈپ، ئۇزۇن چاچ قويۇپ، ئاچ يۈرۈپ، ئىزباسار سوقراتلارغا ئايلانغانىدى. سوقراتنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، ئۇنىڭغا بولغان سېغىنىشلىق ھېسسىياتنى داۋاملاشتۇرۇش مەقسىتىدە كۆپلىگەن ئەسەرلەر يېزىلغىنىدەك، بەزى مەكتەپلەرمۇ ئېچىلغانىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى سوقراتنىڭ پىكرىي جەھەتتىن ھەقىقىي ئەگەشكۈچىلىرى بولۇش نەزەرىيەسىگە ئاساسەن ئىشقا ئاشۇرۇلغانىدى. بۇ مەكتەپلەر «مېگارا مەكتىپى»، «كىلىنىكلەر مەكتىپى، «كىرېنې مەكتىپى»، «ئېلىس – ئېتېرىئا مەكتىپى» قاتارلىقلاردىن تەشكىل تاپاتتى. بۇ مەكتەپلەر ھەم سوقراتنىڭ ھەقىقىي كىملىكى ۋە ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ، ھەمدە ئۇنىڭ پىكىر – تەپەككۇرلىرىنىڭ چوڭقۇر تەسىرىگە ئۇچرىغان.
  • 1914 – يىلى 15 – ئاپرېل كۈنى قازاق ئارتىس ۋە رېژىسسور شاكېن ئايمانوۋ دۇنياغا كەلدى. 1933 – يىلى ئالماتادا قازاق دېرامما تىياتىرىدا ئويۇن قويۇشقا باشلىدى. 1947 – يىلدىن 1951 – يىلغىچە قازاق تىياتىر ئۆمىكىدە رېژىسسورلۇق قىلدى. «قازاق فىلىم» كىنو سىتودىيىسىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان ئايمانوۋ، كېيىنچە غەرب كىلاسسىك ئەدەبىياتى قەھرىمانلىرىنىڭ ئوبرازىنى ئەكس ئەتتۈردى. ئۇ رېژىسسورلۇق قىلغان فىلىملەر قازاق كىنولىرىنىڭ سىمۋولىغا ئايلاندى.
  • 1989 – يىلى 15 – ئاپرېل كۈنى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇدا 9 يىل داۋاملاشقان ئافغانىستان ئىشغالىيىتى، ئاخىرقى قىسىملىرىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىپ چېقىپ كېتىشى بىلەن ئاخىرلاشتى. ئافغانىستاندىكى كوممۇنىست ھۆكۈمەتنىڭ، ئافغانىستان مۇجاھىدلىرىغا قارشى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئەسكەرلىرىنى دۆلەتكە تەكلىپ قىلىشى بىلەن باشلانغان ئىشغال باسقۇچى جەريانىدا تەخمىنەن 15 مىڭ سوۋېت ئەسكىرى، بىر مىليونغا يېقىن ئافغانىستان پۇقراسى ئۆلدى. بۇ جەرياندا ئافغانىستان مۇجاھىدلىرى ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە پاكىستاننىڭ قوللىشى ھەم ياردىمىگە ئېرىشتى. ئۇرۇشتىن كېيىن ۋەزىيىتى قالايمىقانلىشىپ كەتكەن ئافغانىستاندا 20 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان ئىچكى ئۇرۇش داۋاملاشماقتا.


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر