تارىختىكى بۈگۈن: 14.02.2019

فەراي ئۇز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

1145254
تارىختىكى بۈگۈن: 14.02.2019

 

 

بۈگۈن 2019يىلى 14 - فېۋرال.

14فېۋرال ئاشىق مەشۇقلار كۈنى دۇنيانىڭ نۇرغۇنلىغان دۆلەتلىرىدە ئالاھىدە بىر كۈن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۈ كۈننىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنىڭ يىلتىزى رىم كاتولىك خىرىستىيانلارنىڭ ئتىقادىغا تۇتىشىدۇ. ۋالېنتاين ئىىسملىق بىر دىنىي خادىم رىم ئەسكەرلىرىنىڭ توي قىلىشى چەكلەنگەن مەزگىللەردە، ئۇلارنىڭ توي قىلىشىغا ياردەم قىلغانلىقى ياكى ئاشىق - مەشۇقلارنىڭ مەخپىي تويىنى قىلىپ قويغانلىقى سەۋەبىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىدىن ئىبارەت بىر ئەپسانىنى ئۆزىگە ئاساس قىلىدۇ. بۇ كۈننىڭ 496يىلى 14 فېۋرالدا پاپا گېلاسۇس تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرىلىدۇ.

ئەسلىدە ئاشىق مەشۇقلۇق بىلەن ۋالېنتاين ئوتتۇرىسىدا ھېچ قانداق مۇناسىۋەت يوق دەپمۇ قارىلىدۇ. 1381يىلىدا چىققان «Parlement of Foules» ناملىق كىتابتا يېزىلىشچە، فىرانسىيە ۋە ئەنگلىيەدە 14فېۋرال قۇشلارنىڭ جۇپلىشىش كۈنى دەپ بىلىنىدىغان بولۇپ، بۇ ئالاھىدىلىك سەۋەبىدىن ئاشىق مەشۇقلار بىر - بىرىگە گۈزەل سۆزلەر يېزىلغان خەتلەرنى بېرىشەتتى. خەتتە ئاشىق مەشۇقلار بىر بىرىگە «ۋالېنتاين» دەپ خىتاب قىلىشاتتى.

تارىخىي ۋە سەۋەبىي مەيلى قانچىلىك ئىنساننىڭ مېڭىسىنى قوچىشىغا قارىماستىن، بۈگۈنكى كۈندە دۇنيانىڭ نۇرغۇنلىغان دۆلەتلىرىدە 14فېۋرال ئاشىق مەشۇقلار كۈنى سۈپىتىدە تەبرىكلەنمەكتە.

*** *****

1946يىلى 14فېۋرالدا ئېلكېتىر بىلەن ئىشلەيدىغان تۇنجى كومپىيۇتېر «ENIAC» پېنسىلۋانىيا ئۇنىۋېرسىتېتىدە تۇنۇشتۇرۇلغان ئىدى. 2دۇنيا ئۇرۇشى ئەسناسىدا، ئامېرىكىلىق پەن تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن قۇرۇپ چىقىلغان «ENIAC» نىڭ ھەجىمى تەخمىنەن 167 كىۋادىرات مېتىرلىق جايغا سىغىدىغان دەرىجىدە چوڭ بولۇپ، ئېغىرلىقى 30 توننا كېلەتتى. ئۇزۇن مۇساپىلىق توپ ۋە بومبىلارنى ھېسابلاشتا ئىشلىتىش ئۈچۈن 4 يىلدا قۇرۇپ چىقىلغان «ENIAC» ئۇرۇش ئاخىرىلاشقاندىن كېيىن باشقا ئىلمىي ساھەلەردە ئىشلىتىلىشكە باشلاندى. «ENIAC»نىڭ پارچىلىرى ھازىر ۋاشىنگىتوندىكى ئامېرىكا دۆلەتلىك مۇزىيىدا كۆرگەزمە قىلىنماقتا.

*** *** ****

2004يىلى 14فېۋرالدا ھامبورگدا تۇغۇلغان تۈرك رىژېسسور فاتىھ ئاكىننىڭ «تامغا قاراپ» ناملىق فىلىمى بېرلىن خەلقئارا فىلىم فېستىۋالىدا ئەڭ ياخشى فىلىم بولۇپ باھالانغان ۋە ئالتۇن ئېيىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىدى. مەلتەم جۇمبۇل، گۇۋەن كىراچ، سىبەل كەكىلى ۋە بىرول ئۈنەل فىلىمنىڭ باش رولىدا ئورۇن ئالغان بولۇپ، بۇ فىلىم مەتىن ئەركسان تەرىپىدىن ئىشلەنگەن «سۇسىز ياز» ناملىق فىلىمدىن 40 يىل كېيىن، بېرلىن فىلىم فېستىۋالىدا ئالتۇن ئېيىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن 2تۈركىيە فىلىمى بولغان ئىدى.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! يۇقىرىدا تارىختىكى بۈگۈن ناملىق پىروگراممىمىزنى ئاڭلىدىڭلار.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر