تارىختىكى بۈگۈن: 9 – فېۋرال

فەراي ئۇز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمى ھۇزۇرۇڭلاردا...

1141825
تارىختىكى بۈگۈن: 9 – فېۋرال
  • 1788-يىلى 9-فېۋرال كۈنى ئاۋىستىرىيە، ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى – رۇسىيە ئۇرۇشىغا داخىل بولدى. ئاۋىستىرىيە 1787 – يلدىن 1792 – يىلغىچە داۋاملاشقان ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى – رۇس ئۇرۇشلىرى جەريانىدا رۇسىيەنى قوللاپ ئۇرۇشقا قاتنىشىپ، ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ قاتتىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىشىغا سەۋەب بولدى.
  • 1934 – يىلى 9  - فېۋرال كۈنى بالقان ئەھدى تەشكىلاتى ئەھدىنامىسى تۈركىيە، گىرېتسىيە، يۇگوسلاۋىيە ۋە رۇمىنىيە ئوتتۇرىسىدا ئاتىنادا ئىمزالاندى. بۇ ئەھدىنامە ؛ بالقان رايونىغا جايلاشقان دۆلەتلەر ئۆزئارا زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىشىنى نىشان قىلاتتى. بۇ ئارقىلىق بالقان ئەللىرى چېگرا رايونلىرىنى ئۆزئارا كاپالەتكە ئىگە قىلغان بولدى.
  • 1965 – يىلى 9 – فېۋرال كۈنى ۋېيتنام ئۇرۇشى پارتلىدى. تۇنجى تۈركۈمدىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرى جەنۇبىي ۋېيتنامغا ئەۋەتىلدى. بۇ، ۋېيتنام ئۇرۇشى شەرق لاگېرى ئەللىرى بولغان شىمالىي ۋېيتنام، خىتاي ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكىنىڭ قوللىغۇچىسى بولغان ئانتى كوممۇنىست جەنۇبىي ۋېيتنام ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئوتتۇرىسىىكى ئۇرۇش ئىدى.
  • 1968 – يىلى 9 – فېۋرال كۈنى تۈركىيەدە تۇنجى ئايال قاتناش ساقچىسى ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىدى. ئىستانبۇلدىكى ئەمىنۆنۈ مەيدانىدا قاتناشنى باشقۇرغان تۇنجى ئايال قاتناش ساقچىسى فىكرىيە ياۋۇز، تۈركىيە تارىخىدىكى تۇنجى ئايال قاتناش ساقچىسى بولۇپ قالدى.
  • 1986 – يىلى 9 – فېۋرال كۈنى ھاللېي ﻗﯘﻳﺮﯗﻗﻠﯘﻕ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻯ قۇياشقا ئەڭ يېقىن مۇساپىگە يېتىپ باردى. بۇ ﮬﺎﻟﻠﯧﻲ ﻗﯘﻳﺮﯗﻗﻠﯘﻕ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯىنىڭ 20 – ئەسىردە قۇياشنى ئىككىنچى قېتىم زىيارەت قىلىشى ئىدى. ھەر 75 – 76 يىلدا بىر قېتىم كۆرۈلىدىغان ﮬﺎﻟﻠﯧﻲ ﻗﯘﻳﺮﯗﻗﻠﯘﻕ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻯ، ئوربېتىسىنى  ئىنسان ئۆمرى ئىچىدە تاماملايدىغان ۋە ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا كۆرگىلى بولىدىغان بىردىنبىر ﻗﯘﻳﺮﯗﻗﻠﯘﻕ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯ ھېسابلىنىدۇ. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ﮬﺎﻟﻠﯧﻲ ﻗﯘﻳﺮﯗﻗﻠﯘﻕ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻯ 2061 – يىلى تەكرار كۆرۈلىدىكەن.


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر