تارىختىكى بۈگۈن: 2019 - يىلى 07 - فېۋرال

فەراي ئۇز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمى ھۇزۇرۇڭلاردا...

1140327
تارىختىكى بۈگۈن: 2019 - يىلى 07 - فېۋرال

■  1945 – يىلى 7 – فېۋرالدا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىدىن باش ۋەزىر ۋىنستون چېرچىل، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى فىرانكلىن د.رۇزۋېلت ۋە مارشال جوسېف ستالىن قارا دېڭىزدىكى مەخپىي بىر يەردە گېرمانىيەگە قارشى قىلىنىۋاتقان ئۇرۇشنىڭ ئاقىۋىتى ۋە ياۋروپانىڭ كېلەچىكى توغرىسىدا سۆزلەشتى.

■  1971 – يىلى 7 – فېۋرالدا شىۋېيتسارىيەدە ئاياللارغا سايلاش ھوقۇقى بېرىلدى.

■  1973 – يىلى 7 – فېۋرالدا تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە قوبۇل قىلىنغان بىر قانۇن ئارقىلىق «ماراش» ۋىلايىتىگە «قەھرىمانلىق» ئۇنۋانى بېرىلدى. ئۇ يەنە، ئازادلىق ئۇرۇشى ئەسناسىدا فىرانسىيە ئىشغالىغا قارشى نامايان قىلغان مەھەللىي كۈرەشلىرى تۈپەيلى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى تەرىپىدىن ئىستىقلال مېدالى بېرىلگەن تۇنجى ۋىلايەت ھېسابلىنىدۇ. يەنە مەجلىسنىڭ مەزكۇر قارارىغا ئاساسەن، ماراش بولغان بۇرۇنقى نامى قەھرىمانماراشقا ئۆزگەرتىلدى.

■  1992 – يىلى 7 – فېۋرالدا ياۋروپا ئورتاق گەۋدىسىگە ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنى شەكىللەندۈرگەن مائاسترىكت كېلىشىمى ئىمزالاندى.

■  1995 – يىلى 7 – فېۋرالدا ئالەم كېمىسى دىسكوۋېري رۇسىيە ئالەم بوشلۇقى ئىستانسىسى مىر بىلەن تارىخىي ئۇچرىشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

■  1996 – يىلى 7 – فېۋرالدا تۈرك شىركىتى بىر-گەن ھاۋا يوللىرىغا تەۋە بويىڭ 757 تىپلىق بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى دومىنىكا جۇمھۇرىيىتىدە ئاتلانتىك ئوكيانغا چۈشۈپ كېتىپ 189 ئادەم قازا قىلدى.

■  2007 – يىلى 7 – فېۋرالدا باكۇ – تىفلىس – قارس تۆمۈر يولى لايىھەسىنى روياپقا چىقىرىش كېلىشىمى گىرۇزىيە – ئەزەربەيجان ۋە تۈركىيە ھۆكۈمەتلىرى ئارىسىدا تىفلىستە ئىمزالاندى.

■  2009 – يىلى 7 – فېۋرالدا ئاۋسترالىيە تارىخىنىڭ ئەڭ ئېغىر دالا ئوت ئاپىتى ۋىكتورىيا ئۆلكىسىدە مەيدانغا كەلدى. «قاراڭغۇ شەنبە» دېگەن نام بىلەن تونۇلغان مەزكۇر ئوت ئاپىتىدە 173 ئادەم قازا قىلدى، 414 ئادەم يارىلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر