تارىختىكى بۈگۈن: 29 – يانۋار

فەراي ئۇز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

1134992
تارىختىكى بۈگۈن: 29 – يانۋار
  • يىل 1886 29-يانۋار...
  • گېرمانىيە ماشىنا ئېنژېنېرى ۋە موتور لايىھەلىگۈچى كارل بېنز (Karl Benz) بېنزىن بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان تۇنجى موتورنىڭ پاتېنتىنى ئالدى. بېنز 1885-يىلى سېتىش مەقسىتىدە ياسالغان ۋە بېنزىن بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان موتورى بار تۇنجى ئاپتوموبىل موتورۋاگېن (Motorwagen) نى ياسىغان ئىدى. ئۈچ چاقلىق، ئالدى چاقى ئايلىنىدىغان بۇ ئاپتوموبىلنىڭ موتورى ئارقا تەرەپتە بولۇپ، دەل يولۇچىلار ئولتۇرىدىغان ئولتۇرىدىغان ئورۇننىڭ ئاستىدا ئىدى.
  • 1916-يىل 29-يانۋار، گېرمانىيە بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى جەريانىدا ئۆزى ياساپ چىققان دىرىژابلنى تۇنجى قېتىم پارىژ بومباردىمانىدا ئىشلەتتى.
  • بۈگۈنكى كۈندە ئېلانچىلىقتا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان دىرىژابللارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇچۇشى، 1852-يىلى فىرانسىيە ئېنژېنېرى ھېنرى گىفارد (Henri Giffard) تەرىپىدىن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان ئىدى.
  • دىرىژابللارنى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ياساپ چىققان كونت فېردىناند ۋون زېپپېلىن (Kont Ferdinand Von Zeppelin) نىڭ ئىسمى قويۇلغان دىرىژابللار، ئۇرۇش جەريانىدا پارىژدىن باشقا، لوندوننى بومباردىمان قىلىشقىمۇ ئىشلىتىلدى. كېيىنچە، خېلى ئۇزۇن يىللار يولۇچى توشۇشتىمۇ ئىشلىتىلدى. ئايروپىلانلارنىڭ تەرەققىي قىلىشى نەتىجىسىدە، 1950-يىلغا كەلمەيلا ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىتىلدى.
  • 1934-يىل 29-يانۋار، خەلقئارالىق فىلىم فېستىۋالىغا قاتناشتۇرۇلغان ۋە تۇنجى قېتىم تۈركىيەدە ئىشلەنگەن «لەبلەبىجى خورخور ئاغا» فىلىمىنى سۈرەتكە ئېلىش ئاخىرلاشتى. تۈركىيە تىياتىرىنىڭ پىشۋالىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدىغان مۇھسىن ئەرتۇغرۇل رېژىسسورلۇق قىلغان، خەلق ئىچىدە مۈمتاز ئوسمان دېيىلىدىغان، شائىر نازىم ھىكمەت سېنارىيەلەشتۈرگەن فىلىم، شۇ يىلى 2-نۆۋەتلىك ۋېنېدىك فىلىم فېستىۋالىدا «شەرەپ دىپلوماتىيەسى» مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈلدى.
  • 1978-يىل 29-يانۋار، شىۋېتسىيە يەر شارىغا كېلىدىغان زىيانلىق نۇرلارنى توسىدىغان ئوزان قاتلىمىغا زىيانل بېرىدىغانلىقى ئۈچۈن تۇمان چىقىرىدىغان دورىلارنى ئىشلىتىشنى چەكلىدى ۋە بۇ خىل چەكلىمىنى يولغا قويغان تۇنجى دۆلەت بولۇپ قالدى.   


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر