تارىختىكى بۈگۈن: 2019 - يىلى 27 - يانۋار

فەراي ئۇز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمى ھۇزۇرۇڭلاردا...

1133839
تارىختىكى بۈگۈن: 2019 - يىلى 27 - يانۋار

■  1791 – يىلى 27 – يانۋاردا زامانىمىز مۇزىكا تارىخىنىڭ داھىيلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان ۋولفگاڭ ئامادېئۇس موزارت ئاۋسترىيەنىڭ سالزبۇرگ شەھىرىدە دۇنياغا كەلدى. ئۇ، كىلاسسىك غەرب مۇزىكىسىنىڭ مول – ھوسۇللۇق ۋە تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك مۇزىكانتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، 35 يىللىق ھاياتىدا 626 پارچە ئەسەر قالدۇردى.

 

■  1915 – يىلى 27 – يانۋاردا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دېڭىز ئارمىيەسى ھايىتىنى ئىشغال قىلدى.

 

■  1967 – يىلى 27 – يانۋاردا ئاپوللو -1 ناملىق ئالەم كېمىسىگە كېننېدي ئالەم بوشلۇقى مەركىزىدە سىناق قىلىنىۋاتقان ئەسنادا ئوت كەتتى؛ ۋەقەدە گۇس گرىسسوم، ئېدۋارد ھىگگىنس ۋايت ۋە روگېر چاففې قاتارلىق ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ھاياتلىرىدىن ئايرىلدى.

 

■  1973 – يىلى 27 – يانۋاردا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ۋىيېتنام ئوق چىقىرىشنى توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالىدى. ئامېرىكىنىڭ، شىمالىي ۋە جەنۇبىي ۋىيېتنامنىڭ ۋە ۋېيېتكوڭنىڭ ۋەكىللىرى پارىژدا ئامېرىكىنىڭ ۋىېيتنام ئۇرۇشىغا بىۋاسىتە ھەربىي مۇداخىلە قىلىشىغا خاتىمە بېرىشنى مەزمۇن قىلغان بىر تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى.

 

■  1973 – يىلى 27 – يانۋاردا تۈركىيەنىڭ لوس ئانژېلېس باش كونسۇلى مەھمەت بايدار ۋە كونسۇل باھادىر دەمىر ئەرمەنى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئاسالا تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى.

 

■  1996 – يىلى 27 – يانۋاردا بالىلار ھوقۇقى ئەھدىنامىسى تۈركىيە تەرىپىدىن ئىزاھات كىرگۈزۈلگەن ھالەتتە قوبۇل قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر