تارىختىكى بۈگۈن: 21 - يانۋار
فەراي ئۇز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.
1129741
- 1522-يىلى 21-يانۋار ئەگە دېڭىزىدىكى 12 ئارالنىڭ ئىچىدە ئەڭ چوڭى بولغان رودوس ئارىلى ئوسمانلى دېڭىز ئارمىيەسى تەرىپىدىن پەتھى قىلىندى. بۇ ئارال تەخمىنەن 400 يىل ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا تۇردى.
- 1793-يىلى 21-يانۋار فىرانسىيە پادىشاھى 16-لۇيىس دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈلدى. سوتقا تارتىلىپ ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن بىردىنبىر فىرانسىيە پادىشاھى بولغان لۇيىس، ۋەتەنگە خىيانەت قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن ئىدى.
- 1951-يىلى 21-يانۋار، 1950-يىلدىن 1953-يىلغىچە داۋاملاشقان كورېيە ئۇرۇشىغا ئەۋەتىلگەن تۈركىيە ئەسكەرلىرىدىن كېسەل ۋە يارىدار بولغانلارنىڭ تۇنجى تۈركۈمى ئەنقەرەگە كەلتۈرۈلدى.
- 1954-يىلى 21-يانۋار دۇنيادا تۇنجى ياسالغان يادرو سۇ ئاستى پاراخوتى ئامېرىكانىڭ كوننېكتىكاد ئىشتاتىدا سۇغا چۈشۈرۈلدى.
- 2012-يىلى 21-يانۋار تۈركىيەدە تۇنجى يۈز ئالماشتۇرۇش ئوپېراتسىيەسى قىلىندى. تۈركىيەلىك دوختۇر ئۆمەر ئۆزكان ۋە ئۇنىڭ گۇرۇپپىسى، دۇنيادىكى تۇنجى مۇۋەپپەقىيەتلىك يۈز ئالماشتۇرۇش ئوپېراتسىيەسىنى ئانتاليادىكى ئاقدېڭىز ئۇنىۋېرستېتى دوختۇرخانىسىدا ئەمەلگە ئاشۇردى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تارىختىكى بۈگۈن: 31 – دېكابىر
ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىز ھۇزۇرۇڭلاردا...