تارىختىكى بۈگۈن: 18.01.2019

«تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمى تۆۋەندىكىچە:

1128576
تارىختىكى بۈگۈن: 18.01.2019
  • 1778 – يىلى 18 – يانۋار كۈنى ئەنگلىيەلىك كەشپىياتچى جەيمس كوك ھاۋايى ئاراللىرىغا يېتىپ بارغان ياۋروپالىق تۇنجى كەشپىياتچى بولۇپ قالدى. ئالدى بىلەن، تىنچ ئوكياندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن 1768 – يىلى ۋەزىپە تاپشۇرۇلغان كوكنىڭ كەشپىياتلىرىنى ئەھمىيەتكە ئىگە قىلغان ئامىل، ئۇنىڭ ئۆزى كەشپ قىلغان جايلارنى ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلاندۇرۇشى ئىدى. ئۇدا ئۈچ قېتىم كەشپىيات سەپىرىگە ئاتلانغان كوك، 1779 – يىلى ھاۋايى ئاراللىرىدا يەرلىكلەر بىلەن يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا ئۆلدى.
  • 1886 – يىلى 18 – يانۋار كۈنى  «<شۈكۈفەزار> ژۇرنىلى» يەنى «<گۈل باغچىسى> ژۇرنىلى»... ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى مائارىپ ئىشلىرى ۋەزىرى مۈنىف پاشانىڭ ئوقۇمۇشلۇق قىزى ئارىفە خانىم تەرىپىدىن نەشىر قىلدۇرۇلغان تۇنجى مۇسۇلمان ئاياللار ژۇرنىلى ھېسابلىنىدۇ. بۇ، شۇ يىللاردا ئاياللارنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن كىلاسسىك ۋەزىپىلەردىنمۇ بەكرەك، ئاياللارنىڭ ئوقۇشى، تەربىيەلىنىشى ۋە ئاممىۋى ھاياتتىن ئورۇن ئېلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەيدىغان ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دەۋرىدىكى ئوقۇمۇشلۇق ئاياللار تەرىپىدىن نەشىر قىلدۇرۇلغان، بارلىق يازغۇچىلىرى ئاياللاردىن تەشكىل تاپقان بىر  ژۇرنال ئىدى. بۇ ژۇرنالدا 1886 – يىلى 18 – يانۋار كۈنى ئاياللارنىڭ ئەقىل پاراسىتىنىڭ يېتەرسىزلىكى ئىما قىلىنغان «ئاياللارنىڭ چېچى ئۇزۇن، ئەقلى قىسقا» ئاتالغۇسىغا قارشى  كۈرەش باشلاندى. «‹ شۈكۈفەزار › ژۇرنىلى»، باشتىن – ئاخىر ئاياللارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغدىدى ۋە ئەر – ئاياللارنىڭ ھوقۇقتا باراۋەرلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
  • 1919 – يىلى 18 – يانۋار كۈنى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا مەغلۇب بولغان دۆلەتلەر كېلىشىم تۈزۈش ئۈچۈن، ئانتانتا دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى تەرىپىدىن «پارىژ تىنچلىق كونفېرانسى»  ئۆتكۈزۈلدى. غەربىي ئانادولۇنىڭ گىرېتسىيە تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىشى توغرۇلۇق قارار چىقىرىلغان كونفېرانسقا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، فىرانسىيە، ئەنگلىيە، ئىتالىيە ۋە ۋېنگىرىيە قاتناشتى. ياۋروپانىڭ خەرىتىسى قايتىدىن سىزىلغان بىر پەيتتە چاقىرىلغان كونفېرانستا، ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ زېمىنى بولغان ئۇرفا، ئانتەپ ۋە ماراش فىرانسىيەگە بېرىلدى. 
  • تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ۋەكىللىرى بىلەن بىرىتانىيە ئىمپېرىيەسى، فىرانسىيە جۇمھۇرىيىتى، ئىتالىيە پادىشاھلىقى، ياپونىيە ئىمپېرىيەسى، گىرېتسىيە پادىشاھلىقى، سېربىيە، كىرودىيە ۋە سىلوۋېنىيە پادىشاھلىقى ۋەكىللىرى ئوتتۇرىسىدا 1923 – يىلى ئىمزالانغان «لوزان كېلىشىمى»؛ 1927 – يىلى 18 – يانۋار كۈنى ئامېرىكا پالاتاسى تەرىپىدىن رەت قىلىندى. تۈركلەر پارچىلانغان ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى زېمىنلىرىنىڭ ئىشغال قىلىنىشى بىلەن باشلانغان «ئازادلىق ئۇرۇشى» دىن كېيىن ئىمزالانغان «لوزان كېلىشىمى»،  ئامېرىكا پالاتاسىنىڭ «رەت قارارى» غا قارىماي ئىجرا قىلىندى ۋە تارىخ سەھىپىسىدىن «تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى ھۆججىتى» سۈپىتىدە ئورۇن ئالدى.


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر